جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ گۈزەللىرىدىن ئايروخانقىز تاللىدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاتاغلىق چاقچاقچ..
مۇھەممەتجان سادى..
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئ..
شەھەرلىشىش ۋە مە..
ئۈرۈمچىدىكى ماتو..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
شىنجاڭ مەكىت ناھ..
«ھالاكەت دېڭىزى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
ئابدۇكېرەم ئابلى..
تىببىي جەۋھەر شى..
مەخپىيەتلىك فىلى..
2012ئارمان ئانىلار..
مېھرىبان ئانىلىر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇ..
ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئېل..
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولد..
ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
مەخپىيەتلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ!..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..

 
جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ گۈزەللىرىدىن ئايروخانقىز تاللىدى

ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىدە ساھىبجاماللار ۋە كېلىشكەن يىگىتلەر ئەڭ كۆپ ؟ ئېھتىمال ئۈرۈمچىنىڭ دىۋوپۇغا جايلاشقان خەلقىئارالىق ئايرودرومنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى مەدەنىيەت مەركىزىدە بولسا كېرەك .
  4- ئاينىڭ  24 - كۈنى ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئون ئالتە ئوبلاست -شەھىرىدىكى 2000 نەپەرگە يېقىن خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى . بۇ كۈنى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار ئالدىراشلىق ئىچىدە خىزمىتىنى داۋام ئېتىۋاتاتتى . خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتكەنىدى . تىزىملىتىش ئۈچۈن كەلگەن ساھىبجاماللار ۋە كېلىشكەن شاھزادىلەر ئۈرۈمچىنىڭ باھار پەسلىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىۋەتكەنىدى .

 



 

 شۇ كۈنى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىمدا باشلانغان بولۇپ ، سائەت توققۇزغىچە بولغان يېرىم سائەت ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالدى ئۇزۇن ئۈچىرەت ھاسىل قىلغانىدى . خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچى ياشلار ئۈچىرەتكە قوشۇلماقتا ئىدى . ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكىدىن مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى مېھمان كۈتۈش يولىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەنىدى . قاتناش ساقچىلىرى ئىزچىل تۈردە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەسلى پىلاندا سائەت 12 ئاياقلىشىدىغان تىزىملىتىش خىزمىتى قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە قالغان . بۇنىڭ بىلەن بەزى ئوقۇغۇچىلار تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئىمتىھاننى بېرىپ قايتىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى .

 


 



 بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار بولۇپ ، بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پۇختا تەييارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلانغانىدى . 21 ياشلىق ئالمىرە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىلدىكى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشى ئىدى . ئەمما ئۇ ئىلگىرى بىرىنچى نۆۋەتلىك ياۋرۇ-ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە پىدائىي بولۇپ ئەزىز مېھمانلار زالىغا مەسئۇل بولغانىدى . ھەمدە سېستىمىلىق تەربىيلىنىشكە قاتناشقانىدى . روس تىلى ئۆگۈنۈۋاتقان بۇ قىز بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشقا چوڭقۇر ئىشچەنچىسى بىلەن ئاتلانغانىدى .
بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ جەڭ مەيدانىغا بىللە كەلگەن بولۇپ ، ئۇلار بالىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . رېن خانىمنىڭ قىزى بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئۇ قىزنىڭ مۇنەۋەر بىر ئايروخانقىزى بولۇشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلاتتى ، ھەمدە قىزىنىڭ چىرايى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ شەرتكە توشىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بار ئىدى . شۇڭا ئۇلار سەھەردىلا باگاڭدىن ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەنىدى .


 



 


 



  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىش شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كۆزدىن كەچۈرۈش باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، يەنە قايتا ئىمتىھان باسقۇچى ، يازما ئىمتىھان باسقۇچى ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق قەدەممۇ - قەدەم  ئەڭ مۇنەۋەر ئايروپىلان خادىملىرىنى تاللاپ چىقىدىكەن .

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-27 22:13:04  كۆرۈلۈشى : 2372 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682