كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تاشلايلى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاتاغلىق چاقچاقچ..
مۇھەممەتجان سادى..
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئ..
شەھەرلىشىش ۋە مە..
ئۈرۈمچىدىكى ماتو..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
شىنجاڭ مەكىت ناھ..
«ھالاكەت دېڭىزى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
ئابدۇكېرەم ئابلى..
تىببىي جەۋھەر شى..
مەخپىيەتلىك فىلى..
2012ئارمان ئانىلار..
مېھرىبان ئانىلىر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇ..
ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئېل..
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولد..
ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
مەخپىيەتلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ!..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..

 
كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تاشلايلى



تۇرسۇن مۇئەللىمنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆز خىزمەت ئورنىدا لاياقەتلىك خىزمەتچى ھېسابلانسا، ئائىلىدە يەنە بىر لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭمۇ ئەينى چاغدا بەختلىك بىر ئائىلىسى بولغان بولۇپ، بىراق تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى بىلەن ئايالى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر-يېنىك يۈكى شۇنداقلا ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، ئۆيدە تاماق ئېتىش، كىر قات يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2006-يىلى تۇرسۇن مۇئەللىم ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك يەنە بىر دەرىجىدە ئېغىرلايدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بۇ كوللېكتىپقا باش مەسلىھەتچى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردا بولىدىغان ئۆزىنى كەمسىتىش، ھاياتقا بولغان خاتا قاراشلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم قىلىپ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇشسىز قالغان بالىلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئاددىي-ساددا سۆز ھەرىكىتى، تەسىرلىك ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەممىمىزگە ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدىغان تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم مانا ھازىر مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر نامزاتىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ھەممىمىز مانا بۇ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچىمىزغا بېلەت تاشلاشنى ئۇنتۇمايلى !
بىلەت تاشلاش ئادرېسى: http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11013.htm
تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللمنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى: 051
كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇستازىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-23 22:58:42  كۆرۈلۈشى : 690 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682