4-نۆۋەتلىك «جەلپكار يەكەن» زىيارەت پائالىيىتى ۋە بادام چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاتاغلىق چاقچاقچ..
مۇھەممەتجان سادى..
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئ..
شەھەرلىشىش ۋە مە..
ئۈرۈمچىدىكى ماتو..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
شىنجاڭ مەكىت ناھ..
«ھالاكەت دېڭىزى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
ئابدۇكېرەم ئابلى..
تىببىي جەۋھەر شى..
مەخپىيەتلىك فىلى..
2012ئارمان ئانىلار..
مېھرىبان ئانىلىر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇ..
ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئېل..
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولد..
ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
مەخپىيەتلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ!..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..

 
4-نۆۋەتلىك «جەلپكار يەكەن» زىيارەت پائالىيىتى ۋە بادام چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

يەكەن ناھىيەسىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك «جەلپكار يەكەن» زىيارەت پائالىيىتى ۋە بادام چېچىكى بايرىمى -ئاپرېل يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدا باشلاندى. بۇ بايرامغا مۇخبىر، فوتوگراف، ئەلنەغمىچى، قول ھۈنەرۋەن، رەسسام ۋە دېھقانلاردىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.   ئۇقۇشىمچە، يەكەن ناھىيەسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان، جۇڭگودا بىردىنبىر بولغان بادام ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، ناھىيە بويىچە بادام ئومۇمىي كۆلىمىنى 850 مىڭ موغا يەتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 260 مىڭ مو يەردىكى بادام مېۋىگە كىرگەن. بادامچىلىق بۇ ناھىيەنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان. 2011-يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام ئومۇمىي ھوسۇلى 13 مىڭ 925.5 توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 382 مىليون 675 مىڭ يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ بادامدىنلا قىلغان كىشى بېشى كىرىمى 430 يۈەنگە يەتكەن.   قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې لىمىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ناھىيەمىز بادامچىلىقتا مەۋقەنى كۆلەم ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سۈپەت ئارقىلىق بازارنى ئىگىلەشكە قارىتىپ، «12-بەش يىل» نىڭ ئاخىرى بادام كۆلىمىنى مىليون موغا يەتكۈزۈمىز.   بادام چېچىكى بايرىمى 10-مارت ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە 3-نۆۋەتلىك «جەلپكار يەكەن» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرشكەن ئەسەرلەر بىلەن دېھقان رەسساملارنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرى مۇكاپاتلاندى؛ ئۇزۇن چاچلىقلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى؛ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى؛ ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، چىلىشىش، دارۋازلىق مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-23 22:55:54  كۆرۈلۈشى : 584 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682