ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ‹‹يۈرۈشلۈك›› تەكشۈرۈش تۈرلىرى قاتتىق چەكلىنىدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاتاغلىق چاقچاقچ..
مۇھەممەتجان سادى..
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئ..
شەھەرلىشىش ۋە مە..
ئۈرۈمچىدىكى ماتو..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
شىنجاڭ مەكىت ناھ..
«ھالاكەت دېڭىزى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
ئابدۇكېرەم ئابلى..
تىببىي جەۋھەر شى..
مەخپىيەتلىك فىلى..
2012ئارمان ئانىلار..
مېھرىبان ئانىلىر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇ..
ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئېل..
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولد..
ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
مەخپىيەتلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ!..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..

 
ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ‹‹يۈرۈشلۈك›› تەكشۈرۈش تۈرلىرى قاتتىق چەكلىنىدۇ
  • مەنبە: www.xjtsnews.com
  • 2012-04-04 05:40
  • گاۋۋا خەۋەر قىلىدۇ: زىيادە داۋالاشنى چەكلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىغاندا قوشقان ئالاقىدار ماددىلار بويىچە، نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ‹‹يۈرۈشلۈك›› تەكشۈرۈشى قاتتىق چەكلىنىپ، زىيادە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشقا يول قويۇلمايدىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن زىيادە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ھەققىنى ئاتچوت قىلىشنى رەت قىلىدىكەن، بۇ ھەقلەرنى دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالىدىكەن.
       يېڭى ئىمزالانغان داۋالاش مۇلازىمىتى كېلىشىمدە مۇنداق بەلگىلەندى: نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش تۈرىنى مۇۋاپىق تاللايدۇ، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ‹‹يۈرۈشلەشكەن›› تەكشۈرۈش قىلىۋېلىشقا، زىيادە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشقا يول قويۇلمايدۇ؛ B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىلىق رەڭلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، CT، يادرو ماگنىتلىق رېزونانىسلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدە تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قائىدىلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئالاھىدە تەكشۈرۈش تۈرىنى ئىچكى قىسىمدا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. يېڭى كېلىشىمدە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئادەم ئورگانىزمىغا كۆچۈرۈلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئىچكى قىسىمدا ئىلتىماس قىلىشى، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىشى ھەم بۇنى ئىشلىتىش خاتىرىسىنى مەڭگۈ ساقلىشى ۋە ئاغرىقنى بۇ خاتىرە بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىچكى ئورگانىزمغا كۆچۈرۈلگەن داۋالاش ماتېرىياللىرى كېسەللىك مىسالىغا كېسەللىك ئەھۋالى، ئىشلىتىلىش تۈرى ۋە مىقدارى توغرا خاتىرىلىنىشى ھەم ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالنىڭ سىزىقلىق كود بەلگىسى چاپلىنىشى كېرەك.
       بۇنىڭدىن سىرت، نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش قېتىم سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، تەكرار ھەق ئېلىش، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش تۈرى بىلەن دىياگنوز ماس كەلمەسلىك ياكى دىياگنوز ئىسپاتى كەمچىل بولۇش، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى تەستىقلىغان تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش تۈرلىرى ھەم ئىجازەتلىك داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئېشىپ كېتىش قىلمىشلىرى كۆرۈلسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى بۇنى قائىدىگە خىلاپ ھەق دەپ تۆلەشنى رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا قائىدىگە خىلاپ ھەق سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسى بويىچە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسى قويىدۇ.
       ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان 400دىن ئارتۇق نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىرغىچە %95كە يېقىن نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن بۇ يىللىق داۋالاش مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىغان.
    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-6 10:50:44  كۆرۈلۈشى : 393 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682