بۇلتۇر مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش توختامى بىلەن قاپلانغان ئىشچى-خىزمەتچى 100 مىليوندىن ئاشقان
بىر تەرەپتىن ئەمگەك ماجىرالىرى كۆپەيمەكتە، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىشچى تېپىش قىيىن بولۇش» كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە، ئېلىمىزدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى زىددىيىتىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟ مائاش تەمىناتىنى ئىشچى-خىزمەتچى خوجايىن بىلەن يۈز تۇرانە كېڭىشىش، مائاشنى كوللكېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ قېلىپلاشقان ئۇسۇلىنى قوللىنىش،
نۆۋەتتە ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتىكى بىر مۇھىم يولغا ئايلاندى. بۇلتۇر تۇنجى يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2011-يىلىدىن 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مائاشنى كوللكېتىپ كېڭىشىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»نىدا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پىلان دېيىلدى) 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلى قۇرۇلغان %80تىن ئوشۇق كارخانىدا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان كارخانىلاردا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە قانات يېيىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى كېڭەيتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قانداق؟ بىرلىكتە نەزەر سېلىپ باقايلى.
2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمى 1 مىليون 742 مىڭ كارخانىنى قاپلىغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.1 ئېشىپ، 2010-يىلدىكىدىن 2.36 ھەسسە ئاشقان؛ قاپلىغان ئىچى-خىزمەتچى 103 مىليون 892 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.3 كۆپىيىپ، 2010-يىلىدىكىدىن 1.66 ھەسسە ئاشقان. پىلان يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، باشلىنىش ياخشى بولغان.
جايلاردىكى تەكشۈرۈشتە ئىپادىلىنىشىچە، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭشىش تۈزۈمى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى روشەن ئىلگىرى سۈرگەن. خېبېي ئۆلكىسىدە ئىمزالانغان مائاش كوللېكتىپ توختامى ئىچىدە مائاشى %5%14گىچە ئۆسكەن كارخانىلاردىن 31 مىڭ 7سى، مائاشى %1520گىچە ئۆسكەن كارخانىدىن 10 مىڭ 100ى، مائاشى %20تىن ئوشۇق ئۆسكەن كارخانىدىن 4127سى بارلىققا كەلگەن. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمى ئارقىلىق مائاش ئۆستۈرگەن كارخانا 29178 بولۇپ، 1 مىليون 40 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى نەپكە ئېرىشكەن، مائاشنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈش كۆرسەتكۈچى %14.3 بولغان. خېنەن ئۆلكىسىدە 80 مىڭدىن ئوشۇق شىركەت مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، %70تىن ئوشۇق كارخانىنىڭ مائاشى %10تىن يۇقىرى ئۆسكەن. ئايرىملىرىنىڭ %40تىن يۇقىرى بولغان.