جۇڭگودا ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان «ئەڭ قالتىس تىلەمچى» بارلىققا كەلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىل..
بىر دۆت ئايال 50 م..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋ..
ياپونىيەلىك ئايا..
خېنەن مەنزىرىلىك..
گۇيجۇدىكى كان قۇ..
بويى 2.26مېتىر كېل..
«بېيجىڭدا ئۇچرىش..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ياپونىيەلىك ئايا..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنج..
جۇڭگولۇق ئايال ق..
2012 - يىللىق ئاسپى..
نەنچاڭدىكى قاتنا..
ئىلىمىز سائەلىك ..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

جۇڭگولۇق ئايال قوغدىغۇچىلار تۇنجى قېتىم ۋەھشىي..
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى..
نەنچاڭدىكى قاتناش ساقچىسىغا قېلىنغان ئۆكتەملىك..
11 ياشلىق سەبىي قىز ياپيالىڭاچ ھالەتتە تىلەمچى..
چوشقا قۇتاندا يالىڭاچ يىتىشقا ئامراق قىز..
ئالاھىدە ساقچىلار نۇمۇسىنى سېتىش ئۇۋىسىنى تۇيۇ..
ئايالى قىز چىقمىغانلىغى ئۈچۈن ئەر ئايالىنىڭ 40..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنجى قىز دوستىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋۇخەندە بىر كۆزلۈك غەلىتە مۈشۈ..
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دېلوسىن..

 
جۇڭگودا ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان «ئەڭ قالتىس تىلەمچى» بارلىققا كەلدى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جوۋفېي ئىسىملىك «ئەڭ قالتىس تىلەمچى»ئېنتېرنىت تورىدا قاتتىق نام چىقىرىپ كەتتى،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،ئۇ ئۇچىسىغا داڭلىق ماركىلىق كاستۇم كىيىۋالىدىغان بولۇپ،ھەر قايسى شەھەرلەر ئارىسىدىن ئايروپىلانلىق قاتنايدىكەن،ئۆيىدە تېخى BMWماشىنىسى بارئىكەن،بۇ ئاينىڭ 14-چىسلادا بۇ «ئەڭ قالتىس تىلەمچى»شىئەنگە كەلدى،تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ بېكەتتە يېرىم سائەت تۇرۇپ 60يۈەن تىلىيەلىدى.
 تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن،«ئەڭ قالتىس تىلەمچى»جوۋفېي شىئەن قاتناش بېكىتىدە پەيدا بولدى،ئۇ ئۇچسىغا كاستۇم كىيگەن،قارا كۆزئەينەك تاقىغان،چېچىنى مارۇژنىدەك قىلىپ قاتۇرىۋالغان بولۇپ،بىر قولىدا تاياق تۇتىۋالغان ،يەنە بىر قولىدا چامادان سۆرىۋالغان بولۇپ،چاماداندا يۈك چاپلىقىمۇ بار ئىدى،ئۇنىڭ ئاساسلىق تىلەمچىلىك قىلىش ئۇسۇلى باشقىلار بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشۈش ياكى تارتىپ قويۇشتىن كەلگەن بولۇپ،ئۇ :«مەن بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشسە 100يۈەن ئالىمەن،رەسىمگە تارتسا 1يۈەن،ئەگەر كۆپ بېرىمەن دېسىمۇ مەيلى،رەسىمگە چۈشۈپ ياكى تارتىپ بولۇپ پۇل بەرمىسىمۇ مەيلى»دېگەن.
    «ئەڭ قالتىس تىلەمچى»نىڭ پەيدا بولىشى شىئەن ئامىىسىنىڭ دىققىتنى قوزغىدى ئۇلار ئاپپاراتلىرىنى،يانفونلىرىنى چىقىرىشىپ ئۇنى رەسىمگە تارتتى،شۇنداق كۆپ ئادەم رەسىمگە تارتقان بولسىمۇ،لېكىن پۇل بېرىدىغانلار كۆپ بولمىدى،ئۇ باشقىلار رەسىمگە تارتقاندا ھەرخىل قىياپەتلەرنى چىقىرىپ ئۇلارغا شۇنداق پەيزى ماسلىشىپ بەردى،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رەسىم چۈشىدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ چىقمىدى،ئۇ شۇ بېكەتتە يېرىم سائەت تۇرۇپ 60يۈەندىن كۆپەرەك پۇل تىلىيەلىدى.جوۋفېي 14-چىسلا ئەتىگەندە شىئەنگە كەلگەنلىكىنى،ئەينى ۋاقىتتا يېرىم سائەت «تىلەمچىلىك»قىلغانلىقى ،ھەمدە 50.5يۈەن تىلىيەلىگەنلىكىنى ئېيىتتى.
 جوۋفېي خۇبېي شياۋگەنلىك بولۇپ،14يېشىدىن باشلاپ جاھانكەشتىلىك قىلىشقا باشلىغان،ھازىر يۇرتىدىن ئايرىلىپ جاھانكەشتىلىك قىلىۋاتقىنىغا 20يىلدىن ئاشقان،ئەينى يىللاردا سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ شاھمات ئويۇنىدا يېڭىپ يۈرۈپ جېنىنى باقىدىغان بولۇپ،بەزىدە بىركۈندە نەچچە يۈز يۈەن تاپسا،بەزىدە بىر پۇڭمۇ تاپالمايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان،ئۇنىڭ پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش تارىخى بار بولۇپ،شۇنداقتىمۇ قارا ئىش قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ كەسپىي تىلەمچىلىك ھاياتىنى باشلىغان.
   توردا تارقالغان ئۆزىنىڭ ئايروپىلان بىلەن قاتنايدىغان ھەم ئۆيىدە ئېسىل ماشىنا بار دېگەن گەپلەرگە نىسبەتەن ئۇ ئاساسلىقى دېگەندەك ئايروپىلان بىلەن قاتنايدىغانلىقىنى،لېكىن ئۆيىدە ئېسىل ماشىنىسى بار دېگەن گەپنىڭ يوق گەپ ئىكەنلىكى،ھازىر يىغىپ قويغان پۇلىنىڭ 200يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغانلىقى،تاپقان پۇلىنىڭ كۆپىنچىسى ئايروپىلاننىڭ چاقىغا كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
    شىئەن بولسا ئۇ تىلەمچىلىك قىلغان توققۇزىنچى بېكەت بولۇپ،ئۇ پۇلنى ئەڭ كۆپ تىلىگەن ۋاقتىنىڭ ۋېنجۇۋدىكى ۋاقىت ئىكەنلىكى يەنى ئىككى سائەتتىلا 1000يۈەندىن ئارتۇق پۇل تىلىيەلىگەنلىكىنى ئېيىتقان،ئۇ جۇڭگونىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە بېرىپ باققان بولۇپ،نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە بىر قېتىمدىن بارماقچىكەن،ئۇ دۇنيادىكى«بىرىنچى دەرىجىلىك تىلەمچى»بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
   نۇرغۇن كىشلەر مۇلاھىزە قىلىپ،پۇلۇم يوق دەپ تۇرۇپ ئايروپىلاندا ئولتۇرىدىكەن دېگەن،بەزىلىرى ئۇ نام چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان دېگەن،بۇنىڭغا قارىتا جوۋفېي ئىپادە بىلدۈرۈپ،بۇ دېگەن مېنىڭ ياشاش ئۇسۇلۇم دېگەن.شىئەندىكى خەلق ئاممىسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا مۇنازىرىلەرنى قىلغان.
   شەھەر ئاممىسى خۇ ئەپەندى ئۇنىڭ قىلمىشىغا قارىتا بۇ دېگەن قۇرۇق گەپ سېتىپ، كىشىلەرنى ئاغزىغا قاراتقاندەكلا بىر ئىش،گەرچە ئۇ ئۆزىنى ئەڭ مودا ھەم قالتىس تىلەمچى دەپ كوچىلاردا سەنئەت قابىلىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ تىلەمچىلىك قىلغان بولسىمۇ مەن ئۇنىڭ تىلەمچىلىك قىلغاندىن سىرت باشقا ھېچقانداق سەنئەت تالانتىنى ياكى قابىلىيتىنى بايقىمىدىم،ئەگەر ئۇ بۇ پۇللارنى باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىمەن دېگەن بولسا ئايروپىلانغا ئولتۇرمىسىمۇ،ماشىنا پويىزلاردا ئولتۇرۇپ پۇلنى تېجەپ ياخشىلىق قىلمامدۇ،ئۇ پەقەت كىشلەر كۆرۈپ باقمىغان ئۇسۇلدا تىلەمچىلىك قىلىپ كىشلەرنى ئۆزىگە قاراتماقچى دېگەن.
   ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا قارىتا ئۇنىۇ بۇ ئىشى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تېپىشقا كىرىدۇ،ئۇنىڭ بۇ راستچىللىقى نۇرغۇن ئالدامچى،يالغان قىياپەتتىكى تىلەمچىلەردىن مىڭ ياخشى،مەن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا يامان باھا بەرمەيمەن دېگەن.

مەنبە: www.chinanews.com

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-19 11:33:13  كۆرۈلۈشى : 764 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682