پۈتۈن مەملىكەت ئىچىنى قىزىتىۋەتكەن «ئاۋتومەن ئاشپەز» |
مەنبە: news.xinhuanet.com

سۈرەتتىكى «ئاۋتومەن» نىڭ قامىتى ھەقىقى ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. كارتون فىلىمدىكى ئاۋتومەنگە ئوخشاش، بۇ ماشىنا ئادەمنىڭمۇ يۇمىلاق بېشى بار، قېشى بولسا V شەكلىدە، يەنە «ئاۋتومەن» بەلگىسىدىكى كۆزىمۇ بار. ئەمما بۇ «ئاۋتومەن» كارتون فىلىمدىكى «ئاۋتومەن» بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتى مەخسۇس شىلما چۆپ قىلىش، «ئاشپەز ئاۋتومەن» نىڭ قامىتى سەل ئاددىي، پاراللىپىپىد شەكىللىك گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يېشىل رەڭلىك كۆرسىتىش چىرىقى بار، ئىككى تەرەپكە يېشىل رەڭلىك يالقۇنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەغەز چاپلانغان، ئوڭ قولى پۈتۈنلەي كۆك رەڭدە بولۇپ، شىلما چۆپ تۇتۇۋالغان، سول قولىدا بىر پارچە خېمىر بار. ماشىنا ئادەمنىڭ تۆۋەنكى بەدىنى پەقەت ئاددىيلا جازا، ئۇنى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. «ئاۋتومەن» سۇ قايناۋاتقان قازانغا، ئوڭ قولىدا تېز سۈرئەتتە چۆپ تاشلاۋاتىدۇ، سول قولىدىكى خېمىر تېزلا نېپىزلەپ قالدى، ئەسلىدىكى شىلما چۆپ ئاشپىزى بولسا بىر تەرەپتە چۆپنى ئارىلاشتۇرۇپ، تاماق سۈيىنى ئۇسۇپ بەرسىلا، بىر چىنە ئوخشىغان شىلما چۆپ تەييار بولاتتى.
«ئاۋتومەنمۇ شىلما چۆپ قىلالامدۇ؟» تورداشلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ سوراشقان. بۇ سۇئالغا قارىتا، بىرەيلەن تېزلا:«سۈرەتتىكى كۆرۈنۈش بېيجىڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاشخانىسى، پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇنداق ئۆزگىچە بولىدۇ، شىلما چۆپمۇ مۇشۇنداق قالتىس» دەپ جاۋاب بەرگەن. تورداشلارنىڭ پەرىزى تيەنجىن پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئىسپاتلىنىپ چىققان. «بۇ ئاۋتومەن ھەقىقەتەنمۇ تەيدا مەھەللىسى كونا ئاشخانىسىنىڭ 4- قەۋىتىگە، 26- فېۋرال يېڭىلا ماكانلاشقان».
يۇقىرى ئىقتىدار تۆۋەن سەرپىيات: «ئاۋتومەن» 12 سائەت ئىشلىسە پەقەتلا 3 دۇ توك سەرپ قىلىدىكەن
«ئاۋتومەن» شىلما چۆپ قىلسا، بۇ تىجارەتچىلەرنىڭ «دوستانە تىجارىتى» مۇ؟ مۇخبىر تيەنجىن پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېمەكلىك باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشقان. بۇ مەركەزدىكى جېڭ مۇدىر:«ئاۋتومەننى ئاشخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشخانا درېكتورى لى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان، شىلما چۆپ ماشىنا ئادىمىنىڭ ئىقتىدارىنى تەپسىلىي چۈشەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ مۇۋاپىق كۆرۈپ، ئاشخانا دىرېكتورىنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمنى ئىشلىتىشىگە قوشۇلغان» دىگەن. كېيىن، مۇخبىر «ئاۋتومەن» ئائىلىسىنى تەكشۈرۈپ باققان: ئۇدا 12 سائەت ئىشلىسە پەقەت 3 دۇ توك سەرپ قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شىلما چۆپ تاشلاش سۈرئىتى تېز، خىزمەت قىلغاندا «ئارام ئالمىسمۇ چارچاپ قالمايدۇ». ھازىر بىر ئاشپەز تەكلىپ قىلسا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئايدا 3500 يۈەن كېتىدۇ يەنە تۇرىدىغان جاي، يېمەك-ئىچمىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ماشىنا ئادەمنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى ئاشپەزلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر.
26- فېۋرال، ھەممە كۆز تىكىۋاتقان بۇ «ئاۋتومەن» تيەنجىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاشخانىسىدا رەسمى «خىزمەت باشلىغان». بۇ ماشىنا ئادەمنى تەكلىپ قىلغان لى دىرېكتور رازىمەنلىك بىلەن :«ئاۋتومەن ماشىنا ئادەم تەييارلىغان شىلما چۆپ بىلەن ئادەتتىكى ئاشپەزلەر تەييارلىغان شىلما چۆپنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق، يەنە كېلىپ چۆپنىڭ ئىنچىكە-توملۇقىمۇ ئىنتايىن تەكشى» دىگەن.
نەنجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر «ئاۋتومەن» نى ئاشپەزلىككە تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن
تيەنجىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئاۋتومەن» ئۇستام قىززىق نۇقتا بولغاندىن كېيىن، مۇخبىر نەنجىڭدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىلما چۆپ ئۇستىلىرىرىنىڭ ئادەتتىكى ئاشپەز ئىكەنلىكىنى بايقىغان، نەنجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاشخانىسىدىكى بىر دىرېكتور مۇخبىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، «ئاۋتومەن» نىڭ ئىقتىدارىغا ئىنتايىن قىزىقىپ قالغان، «مەكتەپتە مۇشۇنداق ماشىنا ئادەمنى ئىشلەتسەك تامامەن بولىدۇ» دىگەن.
مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شىلما چۆپ ماشىنا ئادىمىنىڭ ئوبرازىمۇ پەقەتلا «ئاۋتومەن» نىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى، يەنە «شاد قوزا»، «پىنوككىئو»، «بودەك ئاشپەز» قاتارلىق كۆپ خىل ئوبرازلارنى تاللىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان، بىر تورداش:«شەنشى ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماشىنا ئادەم تەييارلىغان شىلما چۆپنى يىيەلىگىنىم ئۈچۈن، مەن ئىنتايىن خۇشال» دىگەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-17 20:07:34 كۆرۈلۈشى : 294 قېتىم] |
|