خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىل..
بىر دۆت ئايال 50 م..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋ..
ياپونىيەلىك ئايا..
خېنەن مەنزىرىلىك..
گۇيجۇدىكى كان قۇ..
بويى 2.26مېتىر كېل..
«بېيجىڭدا ئۇچرىش..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ياپونىيەلىك ئايا..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنج..
جۇڭگولۇق ئايال ق..
2012 - يىللىق ئاسپى..
نەنچاڭدىكى قاتنا..
ئىلىمىز سائەلىك ..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

جۇڭگولۇق ئايال قوغدىغۇچىلار تۇنجى قېتىم ۋەھشىي..
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى..
نەنچاڭدىكى قاتناش ساقچىسىغا قېلىنغان ئۆكتەملىك..
11 ياشلىق سەبىي قىز ياپيالىڭاچ ھالەتتە تىلەمچى..
چوشقا قۇتاندا يالىڭاچ يىتىشقا ئامراق قىز..
ئالاھىدە ساقچىلار نۇمۇسىنى سېتىش ئۇۋىسىنى تۇيۇ..
ئايالى قىز چىقمىغانلىغى ئۈچۈن ئەر ئايالىنىڭ 40..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنجى قىز دوستىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى..
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دېلوسىن..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋۇخەندە بىر كۆزلۈك غەلىتە مۈشۈ..

 
خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى
  • مەنبە: uyghur.people.com.cn
  • 2012-03-06 03:21
  • خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى





    پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، جا چىڭلىن، لى چاڭچۇن، شى جىڭپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جو يوڭكاڭلار 4-مارت سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى ئايرىم-ئايرىم يوقلىدى ھەمدە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە بىرلىكتە كېڭەشتى.

      جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ تىببىي دورا سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالارنى سەمىمىي يوقلىدى. جاڭ خەيدى، شاۋ خوڭ، ۋۇ يىلىڭ، لى خوڭتا، خې ۋېي، جاڭ يەنسېڭ قاتارلىق ئەزالار بەس-بەستە سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئىلمىي يولغا قويۇش، جوڭيى تىبابىتى دورىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققى قىلدۇرۇشقا يار-يۆلەك بولۇش، جەمئىيەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىش، مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، نوپۇس قېرىلىشىش قاتارلىق مەسلىلەردە پىكىر بايان قىلدى. خۇ جىنتاۋ تەپسىلى ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. خۇ جىنتاۋ 12ئەزانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېىيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رىيال مەنپەت مەسلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بىرىش، ئاجىزلارنى يۆلەش مىيىپلارغا ياردەم بىرىشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇشقا يىتەكلەپ ۋە قوللاپ، خەلقنىڭ بەختلىك ۋە گۈزەل تۇرمۇشىنى بىرلىكتە يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىببىي دورا سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى يادرو قىلىپ، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تىزلىتىپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ يۈرۈشۈش مىخاينىزىمىنى مۇستەھكەملەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تىزلىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىيىپلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بىرىش—جەمئىيەت مەدىنىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگۈسى. مىيىپلار ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى ۋە مۇلازىمەت سېستىمىسى قۇرىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىيىپلارنىڭ پاراۋانلىق كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مىيىپلارنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر قاتنىشىش، ئىسلاھات تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جا چىڭلىن بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا بىرلىكتە قاتناشتى.
     ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىن كەلگەن ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ، تەكلىپ بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو ئەزالارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدى، ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىشىش، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھاجىرلار قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئەقلىنى توپلاش، كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىرىنچى، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تونۇش،بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش، ئىككىنچى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇش، ئۈچىنچى، جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەتلەرنى قىلىش. ۋۇ باڭگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتى تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىل يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ شۇنداقلا چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، قىيىنچىلىقى بار مۇھاجىرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ،ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

      تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا ئەزالار دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلان كۆرسىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جانلىق ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتتە بولۇش، كۆپ تەرەپلەردىكى يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈش، مول ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئاممىۋى دىپلوماتىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتەك گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى، بۇنىڭغا تاشقى دوستلۇق ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى سىڭگەن، جيا چىڭلىن تاشقى دوستلۇق ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ مەركەزنىڭ تاشقى خىزمەت ھەققىدىكى سىياسەت فاڭجېنلىرىنى ۋە ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملىقنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش، تەكلىپ بېرىش سۈپىتىنى ھەقىقى ئاشۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى قىلىپ، 12-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك، پائال ئەقىل چارە كۆرسىتىپ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، چەتئەللەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى دىپلوماتىيەنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونى چۈشۈنۈش، جۇڭگو بىلەن دوست ئۆتۈشنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.
     ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار كەڭ-كۇشادە سۆز قىلدى، يىغىن كەيپىياتى جانلىق بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان، بولۇپمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جامائەت پىكرى مەدىتى ۋە مەدەنىيەت شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. خەلق سىياسىي كېڭىشى-سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزالىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. لى چاڭچۈن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقنى كۆزلەش، ئەخلاققا مەدھىيە ئوقۇش، بەدىئىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش»تىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ئەدەبىيات-سەنئەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، زوقلىنىشچانلىق جەھەتتىن بىردەك بولغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

      شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە يىغىنىدا، ئەزالار پائال ئەقىل-چارە كۆرسەتتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2011-يىلىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى، تاشقى مۇھىتتا، دۆلىتىمىز 12-بەش يىللىق پىلاننى ياخشى باشلىدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرى داۋاملىق گۈللىنىپ ۋە مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئورتاق تونۇشىغا يەنىمۇ ئايلاندۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئاساسىي يۆنىلىشى، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش تەلىپى-شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىدىمۇ ئۆرنەكلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە. نۆۋەتتىكى ئىچكى، تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزۇن مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىنى يولغا قويۇش تارىخىي پۇرسىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش لازىم. ئۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزۇن مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ ئومۇملۇققا ئەھمىيەت بېرىش، دانالىق بىلەن ئالماشتۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سىغدۇرۇشچانلىق، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
     پارتىيە-گورۇھسىز، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قىلىشتى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگەللىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى:ئۆتكەن يىلى بىز «12-بەش يىللىق پىلان» نى ياخشى باشلىۋالدۇق. بۇنىڭغا پارتىيە گورۇھسىز زاتلار، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى پارتىيە گورۇھ تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت ھەر ساھەدىكى ئەربابلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى، يۈرەك قېنى سىڭگەن. بۇ يىل مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەيدىغان خىزمەت ئاساسىي لىنىيىسىنى كۆرۈنەرلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇرۇلۇش ياساش ئۇسۇلىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشىمىز كېرەك. پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ھالقا. پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بۇرۇلۇش ياساش ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈش، يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگەللەشكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، رىقابەتتە يېڭى ئۈستۈنلۈكلەرگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش-قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. تۈزۈلمىلىك توسالغۇلارنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇرۇلۇش ياساش ئۇسۇلىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ۋە ھەر قايسى ساھەلەرگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، كونا ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ داۋاملىق ئەقىل كۆرسىتىپ، يەنە تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىن كەلگەن ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، كومىتېت ئەزالىرى بەس بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، يېزىلاردىكى ئاياللار بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەندەك مەسىلىلەردە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى خې گوچياڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇردى. خې گوچياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى، ئۆتكەن بىر يىلدا، خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جان تىكىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىمۇ سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەتلىشىش، دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فونكىسىيەسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. خې گوچياڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، بۇ يىل پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز تەرەقىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ، ياشلار، ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە ئالاقىدەر ساھەلەردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئاكتىپ پىكىر تەكلىپ بېرىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشىشىنى، ئۆز خىزمەت ئورنىدا پۇت تېرەپ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىك قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، ئۈچىنچى سىنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى ساھەسىدىن كەلگەن ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسى قانۇن كومىتىتېتنىڭ سېكرېتارى جۇ يوڭكاڭ كۆپچىلىكنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. جۇ يوڭكاڭ مۇنداق دېدى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئاكتىپ ياردەملىشىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، زىدىيەتنى پەسەيتىش، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ۋەزنى بار پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى. جۇ يوڭكاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، شۇنداقلا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلىي مەسىلە. خەلق تۇرمۇشىنى ، مۇلازىمەت قىلىشنى، ئاساسىي قاتلامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەلىك، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش، يىراق بىلەن يېقىننى ،يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك جەمئىيەت باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئومۇمى پىلان لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار بىلىملىكلەر توپلاشقان، ئىختىساسلىقلار يىغىلغان بولۇش، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، يولى ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئەمىنلىكى خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-7 21:34:35  كۆرۈلۈشى : 340 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682