بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى رىزۋانگۈل ھامۇتنىڭ جۇڭنەنخەيدە زۇڭلى ۋېن جياباۋ بىلەن مائارىپ توغرىسىدا پىكىرلەشكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەر تارقالدى . 14-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، مۇخبىر قۇتۇبى ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە بېيجىڭدىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى رىزۋانگۈل ھامۇتنى كۆردى . رىزۋانگۈل مۇئەللىم تېخىچە ھاياجان ئىلكىدە بولۇپ ، ئۇنىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، ئۆزىنىڭ خۇددى چۈشىدەكلا ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹7-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، مەن شەرەپ بىلەن بۇ قېتىملىق 2012-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى يىغىنىغا قاتناشتىم . يىغىن باشلىنىشى بىلەن ، ۋېن زۇڭلى يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى ، ۋېن زۇڭلىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ناھايىتى قىزغىن ، ناھايىتى سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ›› . بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن رىزۋانگۈل قۇتۇبى ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى . ئۇ 1990-يىلى سانجى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ، يۇرتى قۇتۇبىغا قايتىپ ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ، ئالىي تېخنىكوم ، تولۇق كۇرس ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن . ئىگىلىنىشىچە، رىزۋانگۈل نۇرغۇن قېتىم ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىلى ، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى بولغان . بۇ يىل فېۋرالنىڭ باشلىرىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇنى بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتكەن . 7-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، رىزۋانگۈل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن باشقا 11 نەپەر ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە جۇڭنەنخەيگە بېرىپ ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بىلەن يۈزتۇرانە ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرغان. رىزۋانگۈل مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يىغىندا مەن دۆلەتنىڭ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يەنىمۇ زورايتىش ؛ پېداگوگىكا خاراكتېرىدىكى ئىنىستىتۇت ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇش ؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك ئاجرىتىش ؛ ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ؛ بىخەتەر، لاياقەتلىك بولغان مەكتەپ ئاپتوموبىلى سەپلەپ بېرىش ؛ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ؛ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش دېگەن ئالتە نۇقتىدىن پىكىر-تەكلىپ بەردىم . رىزۋانگۈلنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئۇنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە باھا بېرىپ، سىزنىڭ تەكلىپلىرىڭىزدە نۆۋەتتە مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ ، دېگەن.
مەنبە: www.xjtsnews.com
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号