
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ 14-فېۋرال خەۋىرى:ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بېدىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
شى جىنپىڭ ئايرىدىرومدا يازما نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم رەئىس خۇجىنتاۋ ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 40 يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتتىكى پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، پىرېزىدېنت نىكسوننىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا «شاڭخەي ئاخباراتى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئالاقىسى رەسمىي باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالغا قاراپ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە غايەت زور نەپ يەتكۈزۈلدى، بۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بۇلۇشنى كۈتمەكتىمەن، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن كەڭ كۇشادە پىكىرلىشىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە ھەمكارلىشىشنى، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىشنى كۈتمەكتىمەن.