بۇلاڭچى ئويۇنچۇق تاپانچا بىلەن ئالتۇن دۇكىنىنى بۇلىدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىل..
بىر دۆت ئايال 50 م..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋ..
ياپونىيەلىك ئايا..
خېنەن مەنزىرىلىك..
گۇيجۇدىكى كان قۇ..
بويى 2.26مېتىر كېل..
«بېيجىڭدا ئۇچرىش..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ياپونىيەلىك ئايا..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنج..
جۇڭگولۇق ئايال ق..
2012 - يىللىق ئاسپى..
نەنچاڭدىكى قاتنا..
ئىلىمىز سائەلىك ..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

جۇڭگولۇق ئايال قوغدىغۇچىلار تۇنجى قېتىم ۋەھشىي..
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى..
نەنچاڭدىكى قاتناش ساقچىسىغا قېلىنغان ئۆكتەملىك..
11 ياشلىق سەبىي قىز ياپيالىڭاچ ھالەتتە تىلەمچى..
چوشقا قۇتاندا يالىڭاچ يىتىشقا ئامراق قىز..
ئالاھىدە ساقچىلار نۇمۇسىنى سېتىش ئۇۋىسىنى تۇيۇ..
ئايالى قىز چىقمىغانلىغى ئۈچۈن ئەر ئايالىنىڭ 40..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنجى قىز دوستىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى..
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دېلوسىن..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋۇخەندە بىر كۆزلۈك غەلىتە مۈشۈ..

 
بۇلاڭچى ئويۇنچۇق تاپانچا بىلەن ئالتۇن دۇكىنىنى بۇلىدى
تېڭشۈن ۋېيخەي 7-فېۋرال خەۋىرى 5-فېۋرال كەچتە، بىر ئەر ئويۇنچۇق تاپانچىنى كۆتۈرۈپ، ۋېيخەي شەھەر رايونى، تىنچلىق يولىدىكى بىر ئالتۇن دۇككىنىغا كىرىپ، قىممىتى 70 مىڭ يۈەنلىك ئىككى ئالتۇن زەنجىرنى بۇلاپ كەتكەن. 6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن جىنايەت گۇماندارى جاڭ پالانى تورغا چۈشكەن. جاڭ پالانى قايتۇرالمىغان 30 مىڭ يۈەن قەرزنى دەپ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان.
5-فېۋرال سائەت 18 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ماسكا تاقىۋالغان بىر ئەر تىنچلىق يولىدىكى بىر ئالتۇن دۇككىنىغا كىرىپ كەلگەن، ھەمدە سىناپ بىقىشنى باھانە قىلىپ ئىككى ئالتۇن زەنجىرنى تاقىغان. ئارقىدىنلا يانچۇقىدىن بىر "تاپانچا" نى چىقىرىپ، "قىمىرلىما، بۇلايمەن" دەپ ۋارقىرىغان. تەھدىت سىلىپ بولۇپلا قىچىپ كەتكەن. دۇكان خىزمەتچىسى قوغلاپ چىققاند بولسا بۇلاڭچى ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەن. ئېنىقلاش ئارقىلىق، بۇلاڭچى بۇلاپ كەتكەن زەنجىرنىڭ ئېغىرلىقى ئايرىم-ئايرىم 81 گرام، 67گرام، باھاسى 70 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان.
دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، ۋېيخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، خۇەنسۈي تارماق ئىدارىسى قاتارلىق ئىككى دەرىجىلىك ئورۇن ماھىر ساقچىلارنى چىقىرىپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرغان. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جىنايەت گۇماندارىنىڭ چىراي شەكل ئالاھىدىلىكى، قىچىپ كەتكەن يۆنىلىش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 6-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ پالانىنى جىنايەت گۇماندارى دەپ مۇقىملاشتۇرغان.
6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، ساقچىلار ۋېيخەي شەھىرى مەشئەل يىڭى تېخنىكا ئىچىش تەرەققىيات رايونىدىكى بىر ئىلىكتىرون كارخانىسى ئىچىدە، ئىشلەۋاتقان جاڭ پالانىنى قولغا چۈشۈرگەن. سوراقتا، جاڭ پالانى ئالتۇن دۇكىنىنى بۇلىغان جىنايى قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلغان، ھەمدە جىنايەت سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن "تاپانچا" نى تاپشۇرغان. ئەمما بۇ "تاپانچا" ئوخشىتىپ ياسالغان يالغان تاپانچا بولۇپ چىققان، ئىككى دانە ئالتۇن زەنجىرمۇ جىنايەت گۇماندارى قىچىش جەريانىدا يوقىتىپ قويغان.
7-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر ۋېيخەي شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا جاڭ پالانىنى زىيارەت قىلغان. 26 ياشقا كىرگەن جاڭ پالانى ئۆزىنىڭ باشقىلارغا 30 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى ھەمدە قايتۇرالمىغانلىقتىن "ھېچقانداق ئامال قالمىغاندا" ئاندىن بىر سىناپ بىقىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، ھەمدە 20 يۈەنگە بىر سۇلياۋدىن ياسالغان ئويۇنچۇق تاپانچا سېتىۋىلىپ بۇ ئالتۇن دۇكىنىنى بۇلىماقچى بولغانلىقىنى، بىراق ئىچىدە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، چاغاندىن كېيىن، يەنە 40 يۈەن خەجلەپ تىخمۇ راستەك كۆرۈنىدىغان بىر تاپانچا سېتىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ئالتۇن دۇكىنىنى بۇلىغانلىقىنى، زەنجىرنى ئوبدان تاقىمىغانلىقتىن، زەنجىرنىڭ ئىككىلىسى قىچىش جەريانىدا يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئىيتىپ بەرگەن.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-2-8 13:54:26  كۆرۈلۈشى : 700 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682