جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 31-يانۋار جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ ساۋفېيدىيەن خام نېفىت سودا زاپاس بازىسى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۇنىڭ خام نېفىت زاپىسى 3 مىليون 200 مىڭ كۇپ مېتىرغا يېتىپ، جۇڭگودىكى ئۈچىنچى چوڭ خام نېفىت سودا زاپاس بازىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ خام نېفىت سودا زاپاس بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى ساۋفېيدىيەندە مۇكەممەل بولغان ئېلىش، چۈشۈرۈش، يۆتكەش سىستېمىسىنى تاماملاپ، ساۋفېيدىيەن چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش بازىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى، بۇ ساۋفېيدىيەن ھەتتا شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ نېفىت خىمىيە كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.