ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلماي قېچىپ كەتكەن دەپ گۇمان قىلىندى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساقچى تەرەپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر قاۋاقخانىدىن ئۇنى تاپقان . ئۇ بۇلسا تەيجۇ شەھىرنىڭ داڭلىق مودېلى ، ھەم جېجياڭنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى پروگرامسنىڭ ئاتاقلىق قىز تەكلىپ قىلىنغۇچىسى چېن مىڭيۈ ، گۈزەل چىرايى ، ئالىيجاناپ مىجەز خۇلقى بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ، ئۇ تەيجۇ شەھىرى سەنمېن ناھىيسىدىن ، خەلق ئارىسدا "تەيجۇ گۈزىلى"دەپ نام ئالغان .تۈنۈگۈن ئەتىگەن ”تەيجۇ گۈزىلى " چېن مىڭيۈ جياۋجاڭدا ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەپ ئالدىدىكى تاكسى بىلەن ئارلىق ساقلىماي ئېغىر ماشىنا ھادىسسنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان . بىر سائەتتىن كېيىن ساقچىلار ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر مېھمانسارايدىن ئىزدەپ تاپقان . ھادىسدە تاكسى شوپىرى بەخىتكە قارىشى جېنىدىن ئايرىلغان ، ساقچى تەرەپ ھازىرچېن مىڭيۈنى قولغا ئېلىپ تەكشۈرۋاتىپتۇ . ساقچى تەرەپ مۇناسۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشچە چېن مىڭيۈنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مەس ئىكەنلىكنى دەسلەپكى قەدەمدە جەزىملەشتۈردى . مۇخبىرنىڭ يەرلىك ساقچى ئىدارىسدىن ئىگەللىشچە ۋەقە چاغان مەزگىلىدە يۈز بەرگەچكە چېن مىڭيۈنىڭ دېلوسىنىڭ نەتىجسى چاغانلىق دەم ئېلىش تۈگىگەندىن كېيىن چىقىدىكەن .ئەينى ۋاقىتتا چېن مىڭيۈ ۋەقە سادىر قىلىپ بولۇپ ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلماي ئۆلۈم يېتىم ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقدىن قۇتۇلمىقى تەس ئىكەن .
مەنبە: news.sohu.com
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号