قىزىلگۈل - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
قىزىلگۈل
, مەن سەندىن سورىدىم: -نىمىنى ئەڭ ياقتۇرىسەن؟ -خۇشپۇراق قىزىلگۈلنى. -ئەگەر ساڭا قىزىلگۈل سوۋغا قىلسام قۇبۇل قىلامسەن؟ -سەن سوۋغا قىلغان ھەر قانداق نەرسىنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمەن. بۇ سۆزۈڭدىن قەلبىم شاتلاندى.سەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشپۇراق قىزىلگۈلنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قان- تەرىمنى سەرپ قىلدىم.گۈلنىڭ تىكەنلىرى قۇلۈمنى قانىتىۋەتكەندە سىنىڭ سۈزۈڭنى ئەسلەپ ئاغرىق ئازابنى ئۇنتۇدۇم. بىر كۈنى ئەتىگىنى يىقىملىق بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. بۇ بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى ئىدى.مەن گۈلگەقارىدىم.ئاھ،گۈل ئاخىرى ئېچىلىپتۇ.سىنىڭ ئىشقى-پىراقىڭ مىنى ئوت-كاۋاپ قىلغىنىدەك بۇلبۇلمۇ گۈل ئۈچۈن كۆيەتتى.بۇلبۇلنىڭ نالىسى گۈلنى تەسىرلەندۈرۈپ بۇلبۇل ئۈچۈن باغرىنى ئېچىپتۇ.مەن ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ بۇلبۇلغا تەبەسسۇم قىلىۋاتقان گۈلگە قاراپ سىنى ئەسلىدىم.بۇ سەن ئارزۇ قىلغان گۈل ئىدى.ئۇنى ئۈزسەم بۇلبۇل پىغاندا قالاتتى.مەن ئىككىلىنىپ قالدىم.«سەن سوۋغا قىلغان ھەر قانداق نەرسىنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمەن»دىگەن سۆزۈڭ قۇلاق تۇۋىمدە جاراڭلىدى. مەن بۇلبۇلنىڭ نالە-زارىغا پەرۋامۇ قىلماستىن گۈلنى ئۈزۈپ ساڭا تۇتتۇم.كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتتى.قۇلۇمدىن گۈلنى تىزلىك بىلەن ئالدىڭ. -ۋايجان سەن تۇيۇقسىز ۋارقىرىۋەتتىڭ.گۈل قۇلۇڭدىن چۈشۈپ كەتتى. قۇلۇڭدىن تەپچىرەپ قان چىقىۋاتاتتى. - سەن گۈلنىڭ تىكىنى بارلىقىنى بىلمەمتىڭ؟ بۇ گىپىم سىنىڭ بەك ئاچچىقىڭنى كەلتۈرگەن بولسا كىرەك، قوشۇملىرىڭ تۈرۈلدى. ماڭا ئالىيىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدىڭ. ئايىغىڭدا چەيلەنگەن قىزىلگۈل بەرگىلىرى يەردە چېچىلىپ ياتاتتى. قان-تەرىمنىڭ شاھىدى بولغان گۈلنىڭ ھەر بىر بەرگىلىرىنى ئاۋايلاپ تىرىۋاتىمەن. قۇلاق تۈۋىمدە سىنىڭ«سەن سوۋغا قىلغان ھەر قانداق نەرسىنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمەن!» دىگەن سۆزۈڭ قايتا جاراڭلىدى. مەن ساڭا غەزەپلەندىم.چۈنكى سەن ئەقىدەمنى خورلىغان،قان- تەرىمنى يوققا چىقارغان ئىدىڭ.ھەم ئۆزۈمگە نەپرەتلەندىم. مەن گۈلنىڭ ئۆمرىنى نابۇت قىلىپلا قالماستىن يەنە بۇلبۇلنىمۇ بىر ئۆمۈر داغدا قويغان ئىدىم.ئالقىنىمدىكى توزۈپ كەتكەن گۈل بەرگىلىرىگە ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.ئاھ،بىچارە قىزىلگۈل!
         كۆرۈلۈشى:622     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-2-2 13:36:12يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىك..
مۇھەببەتكەشكەن چاغلى..
سەن ماڭا گۈزەل..
كەڭ قورساق بولۇڭ..
ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت..
ھەقىقىي مۇھەببەت يېن..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682