سەن ماڭا گۈزەل - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
سەن ماڭا گۈزەل
  • مەنبە: www.xjtsnews.com
  • 2011-03-08 04:38
  • (نەسىر )

    ئابلىز ئابلەت مەخسۇم

        8 – مارت سەھەر، ئايالىم بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئەينەك ئالدىدا تۇراتتى. مەسلىكىم كېلىپ ئۇنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە كۆز سالدىم. ئەنە، ئەينەكتە ئاھۇ كۆزلىرى بۇلاقتەك، بويى زىبالىق جانانىم تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم. چۈنكى ئالدىمدا تۇرغىنى مەن بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىدىغان، چىن دىلىمدىن سۆيىدىغان ئايالىم، يۈرەك – باغرىم ئىدى.

       مەن بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىن باردىم، باردىم – يۇ ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئەپسۇسلىنىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بىر ئىشتىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

       توغرا، توغرا، مەن چۈشەندىم. ئۇ يۈزىدىكى قانچە پەرداز قىلىپمۇ ياپالمايۋاتقان چوڭ بىر تاتۇقتىن، ئۇششاق قورۇقلاردىن، ئاق ئارىلىغان چاچلىرىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتاتتى، ئۈستى – بېشىدىكى قىممەت باھالىق كىيىم – كېچەك، ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر بىلەنمۇ شۇ ئىۋەنلەرنى ياپالمايۋاتقانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتاتتى.

        شۇنداق، ئاياللار، بولۇپمۇ قىزلار گۈزەللىككە بەكرەك ئىنتىلىدۇ، چىراي – قامىتىنىڭ گۈزەل بولماسلىقىدىن تولىمۇ قايغۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئەپسۇسلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئادەمنىڭ گۈزەللىكى سىرتقى قىياپىتى، چىراي شەكلىدە ئەمەس، بەلكى قەلب گۈزەللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. چېنىقىش، داۋالىنىش، كىيىم – كېچەك ۋە ئۈنچە – مارجانلار تاشقى قىياپەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە تولۇقلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا چەكلىك بولىدۇ. كىشىلەر، بولۇپمۇ تەربىيە كۆرگەن ياشلار قەلب گۈزەللىكىنى چىراي گۈزەللىكىدىن مۇھىم بىلىشى كېرەك. بەزى كىشىلەر ئانچە چىرايلىق ئەمەس، ھەتتا ناھايىتى سەت. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى ئېسىل، بىلىمى چوڭقۇر، تەربىيەلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، بىز دائىم ئۇلارنىڭ قەلب گۈزەللىكىگە شەيدا بولۇپ قالىمىز. ئالايلۇق، بالزاك، پتوفېيلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆرۈمسىز، ئەمما رومىن روللان يازغان ‹‹پىتوفېينىڭ تەرجىمىھالى›› دىكى پتوفېينىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇسىڭىز ئۇنىڭ سالاپىتىدىن زوقلانماي تۇرالمايسىز. نىكولاي ئوستروۋىسكى: ‹‹ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ قەلبىدە. ئەگەر قەلب گۈزەللىكى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ چىرايلىق سىرتقى قىياپىتىدىن ھامان بىزار بولىمىز›› دېگەن. 

       دېمەك، گۈزەللىك ۋە چىراي ھەم ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم ئۆزئارا پەرقلىق. ھەقىقىي گۈزەللىك يەنىلا قەلب گۈزەللىكى، بىز سىرتقى گۈزەللىكىمىزدىن لەززەتكە چۆمگەن ياكى سەتلىكىمىزدىن قايغۇرغان ۋاقىتلىرىمىزدا بۇ داۋلىنى ئويلاپ باقايلى.

         ئەپسۇسلانما نىگارىم، سەن ماڭا ئەبەدىلئەبەد گۈزەل!

             كۆرۈلۈشى:3116     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-3-9 10:23:23يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىك..
    مۇھەببەتكەشكەن چاغلى..
    سەن ماڭا گۈزەل..
    كەڭ قورساق بولۇڭ..
    ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت..
    ھەقىقىي مۇھەببەت يېن..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682