كەڭ قورساق بولۇڭ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
كەڭ قورساق بولۇڭ

بىر دوستۇم تاللا بازىرىدا ئىشلەيتتى. بىر كۈنى ئۇ خوجايىنى بىلەن تاماققا چىقىپتۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاچقا، ئاشخانىدا ئادەم بەك كۆپ ئىكەن. ئۇلار ئاران تەستە ئورۇن تېپىپ ئولتۇرسا، مۇلازىم قىز قوپاللىق بىلەن ئۇلاردىن نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ. بۇ چاغدا دوستۇم ئاچچىقلىنىپ، مۇلازىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭ «ئەدىپىنى بەرگۈزمەكچى» بولۇپ تۇرغاندا، دوستۇمنىڭ خوجايىنى ئۇنى توسۇپ: «ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئۇ بەلكىم مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغان بولۇشى ياكى باشقىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنى كەچۈرۋېتەيلى» دەپتۇ. دوستۇم: «مەيلى قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەكتە، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى خاتا دەپتۇ. خوجايىن يەنە: «توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى خاتا، لېكىن ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاچقىلا، سىزنىڭ سەۋرىچان، كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇنى ئەپۇ قىلىشىڭىزغا مۇھتاج» دەپتۇ.
كىشىلىك دۇنيا زىدىيەتكە تولغان بولىدۇ. مۇشۇ زىدىيەتلىك دۇنيادا بەزىبىر ئىشلار سەۋەبلىك ئازابلىنىپ، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويغان چاغلاردا، ھايات يولىمىزدىكى بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلى تەقدىرنىڭ چاقچىقىنى كۆتۈرەلمەي، ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن چاغلاردا، بىزنى ئازابلاۋاتقان ئاشۇ بىراۋغا ياكى ئاشۇنداق ئىشلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى، خۇددى ئوتنى ئوت بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمىغىنىدەك، باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان قوپال مۇئامىلىسى ۋە يامانلىقلىرى ئارقىلىق قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق سەۋەبى بولىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئۇنى يامانغا چىقىرۋېتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس، ئەپۇ قىلىشمۇ بىر پەزىلەت. مەيلى تۇرمۇشتا ياكى خىزمەتتە بولسۇن، ئادەم قانچە كەڭ قورساق بولۇپ، ئىشلارنى توغرا چۈشۈنگەنسېرى ئۆزىنى شۇنچە ئازادە ھېس قىلىدۇ.

         كۆرۈلۈشى:4938     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-9-30 15:43:31يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىك..
مۇھەببەتكەشكەن چاغلى..
سەن ماڭا گۈزەل..
كەڭ قورساق بولۇڭ..
ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت..
ھەقىقىي مۇھەببەت يېن..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682