ئادەتتە، كۆپىنچە كىشىلەر كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ياخشى پەيتلىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىدۇ، ئەمما جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا باب كەلمەيدىغان چاغلارغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، بىز بۇ يازمىدا قايسى چاغلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
1. كېسەل تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
بەزى ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن كېسەللەنگەندە، دوختۇر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئېنىق چەكلىگەن شارائىتتا قەتئىي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ تۇبېركۇليوز كېسەللىكى ۋە جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللەنگەن كىشىلەر تېخىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ. كېسەل تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئۆزىگىلا زىيانلىق بولۇپلا قالماي يەنە قارشى تەرەپكىمۇ زىيان يېتىدىغان، ئورۇنسىز كېسەل يۇقتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
2. ھېرىپ-چارچىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
جىنسىي مۇناسىۋەت مۇئەييەن جىسمانىي ۋە زېھنىي قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش. روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي ھۇزۇرغا ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ساغلاملىقىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
3. كەيپىيات ناچار ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا دائىم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنىڭ چاغ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، تۇرۇپ-تۇرۇپ پەرىشان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغلاردا زورلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، ئاياللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن سەسكىنىش، ئەردىن بىزار بولۇش پسىخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال تەكرار داۋاملىشىۋەرسە، ئاياللاردا جىنسىي سۇسلۇق، ئەرلەردە باھ ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىپلا قالماي، نىكاھ مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
4. ھاراقتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
بەزىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھاراقتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئەرلەر مەس بولغاندا زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ پەيتلەردە ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ قالسا، بالىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.
5. مۇھىتى پاكىز بولمىغان جايلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
بۇلغانغان، قالايمىقان مۇھىت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا باب كەلمەيدىغان بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ روھى-كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىقى پاكىز بولمىسا ئىككى تەرەپنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە خەۋپ تۇغدۇرىدۇ. پاكىز، ئازادە بولغان مۇھىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
6. ھەر ئىككى تەرەپ تەييار بولماي تۇرۇپ، ھاپىلا-شاپىلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
بەزىلەر ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمىگەچكە، ئاياللارنىڭ تەييار بولۇشىنى كۈتمەستىنلا ھاپىلا-شاپىلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، جىنسىي ھەۋىسىنى چاقماق تېزلىكىدە قاندۇرۇشنى ئىستەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا، كۆپىنچە چاغلاردا گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوقتەك ئىش بولۇپ، ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئالىدىغان ھۇزۇرى يېتەرلىك بولماي قالىدۇ-دە، ئاياللاردا جىنسىي سۇسلۇق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
7. قورساق بەك توق ياكى بەك ئاچ چاغلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
قورساق ئەمدىلا تويۇنغان چاغدا ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىپ، قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئارتىپ، مېڭە ۋە باشقا ئەزالارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىدە يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، قورساق ئاچ چاغلاردا جىسمانىي قۇۋۋەت ئاجىزلاپ، زېھنىي قۇۋۋەتمۇ يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. بۇنداق چاغدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشمەك تەسكە توختايدۇ.
8. روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەن چاغلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
يېڭى توي قىلغان ياشلاردا زىيادە جىددىيلىشىش ياكى خىجىللىق تۇيغۇسى ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. قانچە جىددىيلىشكەنسېرى ئەرلەردە مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، ئاياللاردا ئاغرىش كۆرۈلۈپ، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتى ۋە ھوزۇرىغا زور تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، روھىي-كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش، زىيادە بېسىم قىلىۋالماسلىق، ئارتۇقچە خىجىللىق تۇيغۇسىدا بولماسلىق لازىم. ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، مېھرى-مۇھەببەت بېرىشكەندە، جىنسىي تۇرمۇش تېخىمۇ ئىناق ۋە شېرىن بولغۇسى.
9. مۇنچىدىن چىقىپلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
مۇنچىدىن چىقىپلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، قان ئايلىنىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، تەن سالامەتلىككە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە يۇيۇنۇپ بولۇپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش كېرەك.
10. تاڭ ئاتارغا يېقىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
بۇ مەزگىلدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، كېچىلىك دەم ئېلىش يېتەرلىك بولماي، ئورگانىزمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇندىن باشقا، كۈندۈزلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ.
11. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئاياللاردا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى يۆتكىلىش كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز قېنىدا كۆپ خىل مىكروبلار بولغانلىقتىن ھەيز ۋاقتىدىكى يېقىنچىلىق ئەركىشىنىڭ جىنسى ئەزالىرى، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تۈرلۈك يۇقۇملىنىشلارغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ھەيز قېنى يەنە ئەر كىشى ئۆز بەدىنىدە ئىسپىرمىغا قارشى ماددا (抗精子抗体) ھاسىل قىلىپ، ئىسپېرما سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بالىلىق بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
12. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيى ۋە ئەڭ ئاخىرقى 3 ئېيىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدە بالا ھەمراھى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىنسا، ئاسانلا بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ (بالىياتقۇ قىسقىراپ)، بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىش ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ياكى بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشنى، بالىياتقۇنىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى مەزگىلدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جىنسىي ئالاقە چەكلىك بولۇشى، ھەرىكەت سىلىق-سىپايىرەك بولۇشى، زىيادە قوپال،قاتتىق، قارام ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، ئايالنىڭ ئۈستىدىن قورسىقىنى زىيادە بەك بېسىۋالماسلىق لازىم.
13. تۇغۇتتىن كېيىنلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
تۇغۇتتىن كېيىن تاكى بالىياتقۇ ئۆز ئەسلى ئورنىغا،ھالىتىگە كېلىپ بولۇشتىن بۇرۇن ( تەخمىنەن 40 كۈن) جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا جىنسىي ئەزالاردا ئاسانلا ياللۇغلىنىش، بالىياتقۇ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى يېرىق، جىنسىي يولىدىكى زەخمىلىنىشلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساقىيىشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىشى، تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
14. ھاملىدارلىقنى چەكلەش چارىسى قوللانغان چاغلاردا جىنسىي مۇناىسۋەت قىلىشقا بولمايدۇ
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرغان ياكى ئالدۇرۇۋەتكەن ۋاقىتتا ۋە ئەرلەر ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللار تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
مەنبە : ئەلداۋا تورى