سىرتتا غىزالانغاندا: ئالدى بىلەن غولپىياز قوشۇلغان تۇخۇم قورۇمىسى بۇيرۇتۇپ كۆرۈڭ
بۇ تەم سېزىمى ئانچە ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قانداق ياغ ئىشلىتىلگەنلىكنى پەرقلەندۈرۈش−نىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
قورۇلغان تۇخۇمنىڭ رەڭگى سېرىق، پاكىز بولسا، ئاساسەن پاكىز ياغ ئىشلىتىلگەن بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا، يۇندى ياغ ياكى ئارىلاشما ياغ ئىشلىتىلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ئۈلۈش جياڭيۇغا بىر ئۈلۈش ياغنى ئارىلاشتۇرۇپ چايقاپ بېقىش، سۇيۇقلۇق قەۋەتلەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەينەك ئىستاكانغا قۇيۇپ كۆزىتىپ بېقىش كېرەك، جياڭيۇنىڭ قەۋەتلەرگە بۆلۈنۈشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. ئەگەر ياغ قىسمىدا يىپسىمان نەرسىلەر بولسا، بۇ ياغ كونا ياغ ياكى يۇندى ياغ بولىدۇ.
قورۇما بۇيرۇتۇش ئارقىلىق يۇندى ياغنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى
ياغسىز ياكى ناھايىتى ئاز ياغ تەلەپ قىلىدىغان قورۇمىلار، دۈملەپ پىشۇرۇلىدىغان ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قىلىنغان قورۇمىلارغا يۇندى ياغ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى بۇلارغا يۇندى ياغ ئىشلەتكەندە، ئاسان سېزىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، كۆپىنچە سىرتتا غىزالىنىدىغانلار بەك ئاچچىق ياكى تەم تەڭشەش خۇرۇچلىرى كۈچلۈك تاماقلارنى يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇنداق تائاملارغا ئاچچىق ۋە كۈچلۈك تېتىتقۇلار ئىشلىتىلگەنلىكتىن، يۇندى ياغنىڭ تەمىنى بىلىش قىيىن بولىدۇ. شۇڭا، سىرتتا غىزالانغاندا چوقۇم ئىشەنچلىك ھەم مۇھىتى پاكىز، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاشپۇزۇللارنى تاللاش كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كۆرۈش، پۇراش، سىناش ئارقىلىقمۇ يۇندى ياغنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن
رەڭگىگە قاراش ئايرىۋېلىنغان يۇندى ياغنىڭ رەڭگى خاسىڭ يېغىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تېخى ئۇنىڭدىنمۇ قېنىق بولىدىغانلىرىمۇ بار. پاكىز، يېڭى ياغلار پارقىراق كېلىدۇ، يۇندى ياغنىڭ رەڭگى ئۇنداق بولمايدۇ.
قاچىلىنىشىغا قاراش بەزى ئاشپۇزۇل خوجايىنلىرى، تەنزىكەشلەر ناشتىلىق، قورۇما ۋە تاماققا باشقىلار توپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان، قايسى زاۋۇتتا، قاچان ئىشلەنگەنلىكى ئېنىق بولمىغان ياغلارنى ئىشلىتىدۇ. بۇنداق ياغنىڭ بەزىلىرى يۇندى ياغ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، قاچىلىنىشىغا، قايسى زاۋۇتتا ئىشلەنگەنلىكىگە، ئىستېمال قىلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.
پۇراپ بېقىش ھەرخىل ياغلارنىڭ پۇرىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قىچا، كۈنجۈت، زىغىر، زاراڭزا ۋە گازىر ياغلىرىدا ئۆزىگە خاس مەززىلىك پۇراق بولىدۇ، لېكىن يۇندى ياغدا ناھايىتى ئاچچىق پۇراق بولىدۇ.
يېپىشقاقلىق دەرىجىسىگە قاراش قولغا يېپىشتۇرۇپ باققاندا يېپىشمىسا ياكى شىلىمشىق بولمىسا، بۇ نورمال ياغ بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا يۇندى ياغ بولىدۇ.
سانىيە خەرسەن تەرجىمىسى
شىنجاڭ گېزىتى