ئاق چاچ پەيدا بولۇشنڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئاق چاچ پەيدا بولۇشنڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  نۇرغۇنلىغان ئوتتورا ياشلىق ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا نېمىشقىكىن، چوڭ كۈلەمدە چېچىغا ئاق كىرىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت. ئوتتورا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردا ئاق چاچ پەيدا بولسا ئۆزىنىڭ بەدىنى ھەم كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زىيانلىق. ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇشى كىشلەرگە روھى جەھەتتىن زەربە ئېلىپ كېلىدۇ،نىمىشقا بۇنچىۋالا بالدۇرلا ئاق چاچ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؟ئاق چاچ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؟

ئاق چاچ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى

1. روھى ئامىل چېچىغا ئاق كىرىپ كېتىش بىلەن روھى ھالەتنىڭ ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار. بىر ئىشلارغا ئۇچرىغاندا ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇش، مىجەزى خۇشخۇي بولماسلىق،بەزى ئىشلارنى دەپ چۈشكۈن يۈرۈش، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىش، ئۇزۇن مەزگىل كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق. روھى جەھەتتىن بەك جىددىيلىشىش، بىرەر زەربىگە ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چېچىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تومۇرلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ، چاچنىڭ يىلتىز قىسمىنىڭ قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. ئىرسىيەت ئامىلى چېچىغا ئاق كىرىپ كەتكەن بەزى ياش ئوغۇللارنىڭ ئائىلىسىدە ئىرسىيەت ئامىلى بولۇپ .بۇ ئىرسىيەتلىك تۇغما چېچىغا ئاق كىرىپ كېتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3. يېمەك ئىچمەك ئادىتى ئامىلى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا چېچىغا بۇرۇن ئاق كىرىپ كېتىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە تاتلىق نەرسىلەرگە ئامراقلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن قالسا بېلىق گۆشكە ئامراق، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار، ھەم ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بەدىنى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ھالىتىدە تۇرغاچقا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ چېچى ئاسان ئاقىرىپ كېتىدىكەن.


4. ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولىشى چاچ بىلەن بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، ئوزۇقلۇققا مۇھتاج. ياشلىق ئۆسۈش مەزگىلىدە. بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا بۇلغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا ،قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ قارا پىگمېنت ئىشلەپ چىقىرىشى ئاستا ئاستا ئازلاپ بەلكىم ئېغىر بولغاندا كۆپۈككە ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ۋىتامىن B1、 B2、 B6、 、 A لارنى ھەمدە ئاقسىل ،مىس تەركىبلىرى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يىيەلمىگەندە ، قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.


ئاق چاچنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

يىمەكلىك ھەم ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش قارا پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق، كۆك پۇرچاق، قارا كۈنجۈت، قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش، سەي كۆكتات تۈرلىرىدىن، سەۋزە، سۆسۈن كاللەكبەسەي، سۆسۈن لوبو بېشى، پالەك، موگۇ، قارا مور قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش. ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن قارا سۆڭەكلىك توخۇ، قوي كالىلارنىڭ جىگىرى. دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش.مېۋىلەردىن چوڭ چىلان ، قارا چىلان ،پەمىدۇر،سۆسۈن ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش. ئىشقىلىپ قېنىق رەڭلىك( يېشىل، قىزىل، سېرىق، سۆسۈن ) يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە تەبىئەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرىدا ھاسىل قىلغان پىگمېنتلار بار بولۇپ ، ئادەم بەدىنىدىكى پىگمېنتلارنى تۇلۇقلاش رولىغا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاقسىل بىلەن ۋىتامىن تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆسۈملۈك مېيىنى كۆپرەك، ھايۋانات مېيىنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقە ، كەيپىياتىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، داۋاملىق ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشى كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:1680     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-21 17:10:32يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تەتقىقاتچىلار بىر قى..
ئاغرىتماي جاننى ئالى..
جىنسىي تۇرمۇشقا ئائى..
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا..
ئانارنىڭ شىپالىق رول..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682