ئاچچىقلانغاندا قايسى ئەزا ئەڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرايدۇ؟ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئاچچىقلانغاندا قايسى ئەزا ئەڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرايدۇ؟

كونىلاردا «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن گەپ بار. بىراق، ئاچچىقلانغاندا ئۆزىنى بېسىۋالىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. يېقىندا، «ئامېرىكا ياخۇ تورى» دا ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاچچىقلانغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

  چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدىگەن. دائىم ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە ئېغىر غىدىقلىنىپ نورماللىق بۇزۇلۇپ، مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ قېرىشى تېزلىشىدىكەن. يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىدىكەن. ئاچچىقلىنىش يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈزگە يىغىلىۋېلىپ، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان يېتىشمەي قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدىكەن.

  جىگەردىكى ياغ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدىكەن. ئاچچىقلانغاندا، ئورگانىزىملاردىن بىرخىل كاتېخولامىن ماددىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، ياغنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن، بۇ قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى ياغ كىسلاتاسى ئىيونىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسى ئىيونىنىڭ كۈچلۈك سىتوتوكسىن خاراكتېرى بولۇپ، بەدەندە جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك بولىدىكەن، بىراق ئۇنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

  تېرىدە سەپكۈن پەيدا قىلىدىكەن. ئامېرىكا ئالىملىرى يۈزىگە سەپكۈن چۈشكەن 5000 ئايال ئۈستىدە بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئىشلىگەن. ئۇلار بۇ تەتقىقاتتا ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ناچار چاغدا ھەرقانداق دورىنى ئىستېمال قىلسىمۇ، سەپكۈن ياكى داغنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ بولمايدىغانلىقى، لېكىن ئاچچىقلىنىشنى ئازايتىشنىڭ سەبكۈننى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
  ئاشقازان، ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدىكەن. بىز دائىم بەزىلەرنىڭ «ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېدىم»دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئادەم ئاچچىقلانغاندا كەيپىيات تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قان ئازىيىپ، ئۇنىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان–ئۈچەي يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
  ئاچچىقنى بېسىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ پايدىسى بولىدىكەن:

  1.دەرھال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇ ئىچكەندە كەيپىيات ياخشىلىنىدىكەن ھەم ئۇ ئورگانىزىملارنىڭ ياغ كىسلاتاسى ئىيونىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.

  2.ئولتۇرۇۋېلىش. ئۆرە تۇرغاندا، بەدەندىكى ھورموننىڭ ئاجرىلىشى تېزرەك بولىدىكەن، شۇڭا ئولتۇرۇۋالغاندا، ھاياجانلىق كەيپىياتنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن.nVEئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

  3.چوڭقۇر نەپەس ئېلىش. نەپەسلىنىش بەدەننى تىنچلاندۇرۇشقا مەسئۇل پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

         كۆرۈلۈشى:1508     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-21 17:09:51يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تەتقىقاتچىلار بىر قى..
ئاغرىتماي جاننى ئالى..
جىنسىي تۇرمۇشقا ئائى..
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا..
ئانارنىڭ شىپالىق رول..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682