ئۇيقۇسىراپلا يۈرسىڭىز مۇنۇ 7 كېسەللىكتىن ھەزەر ئەيلەڭ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئۇيقۇسىراپلا يۈرسىڭىز مۇنۇ 7 كېسەللىكتىن ھەزەر ئەيلەڭ
   ئوقۇش كۆرسەتمىسى: ئەگەر سىز ئۇيقۇ قانماسلىقتەك قىينچىلىقنى يېڭەلمەي. ھەتتا كۈندۈزىمۇ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمىسىڭىز ئۇنداقتا سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى، سىزدىكى ئۇيقۇغا ئامراقلىق ئاللىقاچان ئۇيقۇخۇمارلىققا ئايلىنىپ سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە تەھدىت سالماقتا، شۇڭا سىز تېزدىن ئۇيقۇ خۇمارلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەللىك ئازابىغا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلىنىڭ.

1. قان ئازلىق(贫血)
يېمەك-ئىچمەك كەڭ-تاشا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قان ئازلىق ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا روشەن يېنىكلىگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا مەۋجۇت. ئادەتتە قان ئازلىقنىڭ ھارغىنلىق ھېس قىلىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلىرى بار بولۇپ، بۇ خىل ئالامەتلەر قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇسكۇل ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. گەرچە ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولسىمۇ لېكىن تۆمۈر ۋە مەلۇم خىل ئامىنۇ كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشى يەنىلا قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھەل قىلىش تەدبىرى: تۆمۈر تولۇقلاش
يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. ئامال قىلىپ تۆمۈر كەملىك ۋە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلنى يوقاتقاندا قان كەملىكنى داۋالاش ۋە تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. زۆرۈر بولغاندا تۆمۈر رېئاكتىپى ئارقىلىق داۋالاش كېرەك.

2. چوڭ مېڭىگە ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش

خەتەرلىك ئالامەتلىرى: ئۇيقۇغا ئامراقلىق ۋە ئىنكاس ئاستىلاپ كېتىش.
چوڭ مېڭىدە ئۇزۇن مەزگىل ئوكسىگىن كەمچىل بولغاندا ھارغىنلىق، چارچاش، ئۇيقۇخۇمارلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىققاندىن سىرت، يەنە بىر قاتار روھى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ھەرىكىتى قولاشماسلىق، خاراكتېرى ئۆزگىرىش ۋە يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىش، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
چوڭ مېڭە ئادەم بەدىنىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى پۈتۈن بەدەن ئومۇمىي ئوكسىگېن سەرپىياتىنىڭ %25نى ئىگەللەيدۇ. لېكىن ھازىر كۆپلىگەن ئىشخانىلار چوڭ، ئېگىز بىنالارغا جايلاشقان بولۇپ ھاۋا ئالمىشىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ-دە، ئاسانلا چوڭ مېڭىدە ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.


ھەل قىلىش تەدبىرى:  چوڭقۇر نەپەسلىنىش
ئالدى بىلەن چوڭ مېڭىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، ئەگەر بەدەندە ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئوكسېگېنلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش(سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، چوڭقۇر نەپەسلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار)نى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.

3. جىگەردە مەسىلە كۆرۈلۈش.
خەتەرلىك ئالامىتى: ئۇيقۇغا ئامراقلىق ۋە تېرىسى سارغىيىپ كېتىش.
يېقىندا سەھىيە نازارىتى، ئورگانلار ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرتۈشنى مەجبۇرلىمايدىغان بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن B تىپلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى ئۇھ دېگىنىچە تۈگىمەس زىياپەت ۋە ھاراق سورۇنلىرىنى باشلىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئاستا-ئاستا چارچاش ھېس قىلىش، تېرە سارغىيىش، يىرىكلىشىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، ياغدىن بىزار بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ھەل قىلىش تەدبىرى: ياغنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
جىگەر بولسا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئەزا بولۇپ، ئامال بار ئۇنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئىسپىرتنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن جىگەر كېسىلى بىمارلىرى ھەرگىز ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇن مۇددەت  مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماي ئىستېمال قىلىشنى كونترۇل قىلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت چارچاش ھېس قىلىش، ئۇيقۇ بېسىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ۋاقىتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ئارقىلىق جىگەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

4. دىئابىت كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى

خەتەرلىك ئالامەتلىرى: ئۇيقۇغا ئامراقلىق ۋە ئۇيقۇسىنى ئاچالماسلىق
چوڭ مېڭىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئوكسىگېن كەمچىل بولۇشى چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇ خۇمارلىقتىن باشقا يەنە بىر قاتار  بەدەن ھارغىنلىقى ۋە ئۇيقۇسىنى ئاچالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، دىئابىت بىمارلىرىدا، كۈندۈزدىكى ئۇيقۇخۇمارلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ بىر خىل مىتابولىزىم كېسەللىكى بولغانلىقتىن كېسەللىك ئالامىتى كۆپ خىل، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى كۆپ ئەمەس. شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل چارچاش ھېس قىلىش ۋە  ئۇيقۇخۇمارلىقمۇ دىئابىت كېسىلىنىڭ بىر خىل ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ھەل قىلىش تەدبىرى: قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈش
قەرەللىك ھالدا قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈش ۋە ئورگانلارنىڭ تەشكىللىك بولغان تەكشۈرتۈش پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەگەر قان شېكىرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە داۋاملىق تەكشۈرتۈپ كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش ۋە ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش قان شېكىرىنى نورمال سەۋىيىدە كونترۇل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئۇسۇلدۇر.

5.  ئۇيقۇ خاراكتېرلىك نەپەس توسۇلۇش.
خەتەرلىك ئالامەتلىرى: ئۇيقۇغا ئامراقلىق ۋە خورەك ئاۋازى كۈچلۈك بولۇش.
ئۇيقۇ خاراكتېرلىك نەپەس توسۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرىدىن  كۈندۈزى چارچاش ھېس قىلىش، ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇخۇمارلىقىدىن سىرت، خورەك ئاۋازى كۈچلۈك بولۇش ۋە نەپەسلىنىش قىسقا ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش قاتارلىقلار بار.
ماغدۇرسىزلىنىش ۋە چارچاشنىڭ سەۋەبى بولسا نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇسكۇلغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بولۇپ، بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ياخشى بولغان ئارام ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ-دە، نەپەسلىنىش قىسقا ۋاقىتلىق توختاپ قىلىپ ئۇيقۇ ئۈزۈلۈپ قىلىش كۆرۈلۈپ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەل قىلىش تەدبىرى: ئۇخلاش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش.
ئۇخلاش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش: ئەگەر ئوڭدىسىغا يېتىپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ئۇنى يانچە يېتىشقا ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز خورەك تارتىشىڭىزنى يېنىكلىتىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيقۇدىكى نەپەسلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇخلىغاندا نەپەس قىسقا ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەسلىك ئۇنىۋېرسال كېسىلى بار-يوقلۇقىنى ئايرىش كېرەك.

6.  يۈرەك كېسىلىنىڭ سىگنالى.
خەتەرلىك ئالامەتلىرى: ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلىش.
ھېرىپ-چارچاش ھېس قىلىش ھەرخىل يۈرەك كېسەللىرىنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرىدۇر. يۈرەك كېسىلى قان ئايلىنىشنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يەنە مىتابولىزىم قالدۇقلىرى(ئاساسلىقى سۈت كىسلاتاسى)نىڭ توقۇلمىلاردا يېغىلىپ قىلىپ، نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى غىدىقلاپ ئادەمدە چارچاش، ھېرىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئازراق چارچاش بولسا ھىچ ۋەقەسى يوق، لېكىن ئېغىر بولغاندا خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىراق بۇ خىل چارچاشنىڭ ئالاھىدە بەلگىسى بولمىغاچقا  ئادەتتىكى چارچاش بىلەن سېلىشتۇرۇش ناھايىتى قىيىن. ئۇنىڭدىن سىرت، چارچاشتىن باشقا يەنە نەپەس سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ بار.
 
ھەل قىلىش تەدبىرى: ئورۇقلاش كېرەك.
يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇھىم بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترۇل قىلىش، تاماكا تاشلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، «ئۈچتە تۆۋەن بولۇش» (يەنى تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك، تۆۋەن ماي تەركىبلىك، تۆۋەن خولىستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش) تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش يۈرەك فۇنكىسىيىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بەدەننىڭ نورمال مىتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

7.  بەدەن ئاجىز بولۇش.
خەتەرلىك ئالامەتلىرى: ھەيز دەۋرىدىكى ئۇيقۇخۇمارلىق
جۇڭيى تېبابىتىدە، ھەيز ئۇيقۇخۇمارلىق تالنىڭ زەئىپلىشىشى، قان كەملىك ياكى بۆرەك جەۋھىرى زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ. ھاۋالىق قان(气血) كەملىكتىن كېلىپ چىققان ھەيزى ئۇيقۇخۇمارلىق تېنى ئاجىز بولغان خانىم-قىزلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىپادىسى بولسا گېپى جانسىز بولۇش، گەپ خۇشياقماسلىق، چارچاش، باش قېيىش، كۆڭلى خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىقلاردۇر.

ھەل قىلىش تەدبىرى: بۇ خىل ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلىدىغان خانىم-قىزلار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن: ئاستا يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل چىنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاپ ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئوزۇقلىنىش جەھەتتە تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، ياز پەسلىدە تاۋۇزنى كۆپرەك يېيىش، قىش پەسلىدە تاتلىق تۇرۇپنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ئادەتتە يەنە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ۋە ئىئوۋلېۋا دېنى بوتقىسىنى ئىستېمال قىلسا  بولىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا، بۇ خىل خانىم-قىزلار پەقەت تۇرمۇشتا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ۋاقىتدا يەپ بەرگەندە كۆڭۈلدىكىدەك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

         كۆرۈلۈشى:1536     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-21 17:07:55يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تەتقىقاتچىلار بىر قى..
ئاغرىتماي جاننى ئالى..
جىنسىي تۇرمۇشقا ئائى..
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا..
ئانارنىڭ شىپالىق رول..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682