ھازىر نۇرغۇن كىشى جاپا تارتمايلا دورا يەپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئورۇقلاش دورىلىرىنىڭ قانداق تەسىرى بار؟
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى زۆھرەگۈلدىن ئىگىلىشىچە، ئورۇقلىتىش دورىسىنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، ئىچى كۆپ سۈرۈش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
ساناغا ئوخشاش سۈرگە دورىلىرىنى ئۇزاق مەزگىل ئىچكەندە، قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئاينىش، قەي قىلىش، ھەتتا ئېغىر بولغاندا ھەزىم يوللىرى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، قەۋزىيەت ۋە بەزى روھى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئەكس تەسىر يوق ئورۇقلىتىش دورىلىرى ئاساسەن يوق ئىكەن. ناۋادا گۈزەللىك ئۈچۈن ئورۇقلىماقچى بولسا، ئوزۇقشۇناسلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.