راك كېسەللىكىنىڭ 10 چوڭ ئالامىتى
1.قېتىشىپ قېلىش . مەسلەن: سۈت بېزى، تېرە ياكى تىلى قېتىشىپ قېلىش.
2.بەز، (سۆگەل) ياكى قارا مەڭدىكى روشەن ئۆزگىرىشلەر.
3.سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش ئاغرىش ۋە باش چىڭقىلىش.
4.ئىزچىل ھالدا ھەزىم قىلىش نورمالسىز بولۇش.
5. قورساقنىڭ يۇقۇرى قىسمى ياكى تۆۋەن قىسمىدا پەيدا بولغان جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاغرىش.
6. داۋاملىق ئۈنى پۈتۈپ قېلىش، قۇرۇق يۆتىلىش، يىمەكلىكنى يۇتۇش قىيىن بولۇش.
7.ھەيز نورمال بولماسلىق .
8.بۇرۇن ، قۇلاق ، سۈيدۈك يولى ۋە ئۈچەي يوللىرىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قاناش يۈز بېرىش.
9.ئۇزاق ۋاقىت داۋالىسىمۇ ساقايمىغان جاراھەت ئېغىزى ۋە ئىششىقلار.
10.سەۋەپسىزلا تېزدىن ئورۇقلاپ كېتىش.