دىئابىت كېسەللىكلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق چۈشەنچىلەر - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
دىئابىت كېسەللىكلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق چۈشەنچىلەر
    دىئابىت كېسىلى بىر تۈرلۈك قەدىمىي كېسەل، دىئابىت ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت خاتىرىلەر ئەڭ بۇرۇن مىسىر، گرېتسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇن يىن سۇلالىسى دەۋرىدە سۆڭەككە ئائىت يازمىلاردا «سۈيدۈك كېسىلى» دەپ خاتىرىلەنگەن. جۇڭگو تېبابىتىدە دىئابىت « قەنت سىيىش » دېيىلگەن. دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بىردەك يۇقىرى، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر بار بولغان دىئابىت بىمارلىرى 160 مىليون بولۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا 300 مىليونغا يىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردا ستاتىسكىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە دىئابىت بىمارلىرى 40 مىليون بولۇپ، ھىندىستاننىڭ كەينىدىلا ئىكەن. دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن باشقا ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، دۇنيادا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيىنى ئېغىر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

دىئابىت ئالاھىدىلىكلىرى:
دىئابىت ( ئىنگلىزچىدا قىسقارتىلىپ DM قىلىپ يېزىلىدۇ، تاتلىق كۆپ سىيىش دېگەن مەنىدە )، بىرخىل كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەل. ئاساسلىق ئىپادىسى « ئۈچ كۆپ بىر ئاز » يەنى « كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش »، ئوخشاش ۋاقىتتا ھارغىنلىق، ماغدۇرسىزلىق، ۋە كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك داۋالانمىسا، ئاسانلا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك زەئىپلىشىش، كۆرۈش تور پەردىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كتوندىن زەھەرلىنىش، ھەتتا مېيىپ بولۇپ قېلىش ياكى ئۆلۈپ كېتىش مۇمكىن.

دىئابىتنى داۋالاشنى بىر قانچە تەرەپلەردىن تۇتشقا توغرا كېلىدۇ
تەشۋىق-تەربىيە:

تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىئابىت كېسىلى توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلىپ، دىئابىتقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، دىئابىت بىمارلىرىنى ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش:
تەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ئىنسۇلىنغا بولغان بېسىمنى يېنىكلىتىش، دورا ئىستېمال مىقدارىنى ئازايتىش، كېسەل ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرۇش.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش:
قاندىكى قان شېكىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، ھەمدە قان شېكىرىنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتىش لازىم.

دورا بىلەن داۋالاش:
دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى نۆۋەتتە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل: ئىنسۇلىن، سۇلفىدئورىيا تۈرىدىكىلەر، قوش گۇئانىدىن تۈرىدىكىلەر، ���Cگلۇكوسېد تىزگىنلىگۈچى، ئالكېن 2 كتون تۈرىدىكىلەر، گېلىن تۈرىدىكىلەر، جۇڭگوچە دورىلار.
دىئابىتنىڭ تۈرلىرى دىئابىت پەيدا بولۇش سەۋەبىگە ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1-تۈردىكى دىئابىت (بىرلەمچى دىئابىت دەپ ئاتىلىدۇ) بۇ ئىككى خىلغا بۆلۈنۈپ :
( 1 تىپلىق دىئابىت ۋە 2 تىپلىق دىئابىت ) ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ
2-تۈردىكى دىئابىت ( ئىككىلەمچى دىئابىت دەپ ئاتىلىدۇ ) بۇ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە ئاساسەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ :
‹1› ئىنسۇلىن مەنبەلىك دىئابىت
‹2› ئىچكى ئاجراتما خاراكتېرلىك دىئابىت
‹3›دورا ياكى خىمىيىۋى ماددىلار پەيدا قىلغان دىئابىت
‹4›قاندىكى ھەقىقىي قىزىل ھۈجەيرىلەر كۆپىيىش كېسىلىدىن كېلىپ چىققان دىئابىت

دىئابىت ۋە ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى
1 تىپلىق دىئابىت: ئەگەر ئاتا-ئانا ئىككىلىسىدە دىئابىت بولسا، بالىلىرىنىڭ دىئابىت بولۇش نىسبىتى%20- %30 گىچە بولىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى دىئابىت بولسا، بالىلىرىنىڭ دىئابىت بولۇش نىسبىتى %2- %6 گىچە بولىدۇ.
2 تىپلىق دىئابىت: ئەگەر ئاتا-ئانا ئىككىلىسىدە دىئابىت بولسا، بالىلىرىنىڭ دىئابىت بولۇش نىسبىتى%75- %50 گىچە بولىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى دىئابىت بولسا، بالىلىرىنىڭ دىئابىت بولۇش نىسبىتى %10- %15 گىچە بولىدۇ.

دىئابىتنىڭ ئەگەشىمە كېسەللىكلىرىگە سەل قارىماسلىق لازىم
دىئابىتنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئادەمگە ھەقىقىي خەتەر ئېلىپ كېلىدىغىنى دىئابىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەگەشمە كېسەللەر، مەسلەن: يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭىگە قان چۈشۈش، قارىغۇ بولۇپ قېلىش، بۆرەك كېسىلى، نېرۋا سىستېمىسى كېسىلى، پۇت-قولىنى كېسىۋېتىش، چىش كېسەللىكلىرى، ھامىلدارلار ئەگەشمە كېسەللىكلىرى، ئاسان كېسەل بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچلار چوقۇم تۇرمۇش ئۇسۇللىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

نورمال قان قەنت مىقدارىنى سېلىشتۇرۇش

ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى پۈتۈن قاندىكى قان شىكىرى: 3.9- 6.1 مول ھەر لىتىر( 70 �C 110 مىللىگرام ھەر دېتسىلىتىر)
ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان پىلازمىسىدىكى قان شىكىرى: 3.9- 6.9 مول ھەر لىتىر (70-125مىللىگرام ھەر دېتسىلىتىر)
تاماقتىن بىر سائەت كىيىن: 10مول ھەر لىتىر(80 مىللىگرام ھەر دېتسىلىتىر)غا ئۆرلەيدۇ.
2سائەتتىن كىيىن : پۈتۈن قاندىكى قان شېكىرى 5.6مول ھەر لىتىر(100مىللىگرام ھەر دېتسىلىتىر)دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

         كۆرۈلۈشى:874     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-21 17:04:22يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تەتقىقاتچىلار بىر قى..
ئاغرىتماي جاننى ئالى..
جىنسىي تۇرمۇشقا ئائى..
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا..
ئانارنىڭ شىپالىق رول..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682