ئەرلەر كىرئالغۇنى،ئاياللار بولسا iPhone نى تازا ياقتۇرمايدىكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئەرلەر كىرئالغۇنى،ئاياللار بولسا iPhone نى تازا ياقتۇرمايدىكەن
  • مەنبە: www.chinaz.com
  • 2011-12-13 04:59
  • 2000كىشى ئۈستىدە ئىلىپ بىرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:

    گەرچە ئەرلەر ئومومىي جەھەتتىن ئىلكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ دىيىلسىمۇ ئەمما،كىرئالغۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن.يەنى تەكشۈرۈشتە تۆتتىن بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ كىرئالغۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان.يەنە بىر جەھەتتە،ئاياللارنىڭ بىشىنى قاتۇرىدىغىنى بولسا بالىلىرىنىڭ ئىلكتىرونلۇق ئويۇنچۇقى ۋە ئەقلىفۇن قاتارلىق نەرسىلەر ئىكەن.بۇ تەكشۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ Amicaئىلكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بولۇپ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بەكلا ئۆزگىچە دىيىشكىمۇ بولمايدىكەن،ئەمما بۇنىڭدا يەن ئاياللار ئاساسەن ئاشخانا ۋە قول يۇيۇش ئۆيىدىكى ھەرخىل ئىلكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى بىلسىمۇ،ئەمما كۆچمە ئەسلىھەلەرنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ دىيىلگەن.

    ئەرلەر بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئەرلەر ئەگەر ئىلكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسە، ئادەتتە دوستلىرى بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىكەن،ئەمما ئاياللار بولسا بۇنداق ۋاقىتتا ۋاز كىچىشنى تاللايدىكەن،ياكى ئوغۇل دوستىنى ياكى مەخسۇس رىمونتچى خادىملارنى ئىزدەپ ھەل قىلىدىكەن.

    تەكشۈرۈشتە مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارمۇ بايقالغان:

    ئالتىدىن بىرقىسىم كىشى ھەر ئىككى كۈندە بىر قىتىم ياردەمگە مۇھتاج بولىدىكەن.

    ئۇندىن باشقا ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ياقتۇرمايدىغان ياكى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان نەرسىلىرى قەتئى ئوخشىمايدىكەن.

    ئەرلەرنىڭ بىشىنى ئاغرىتىدىغان نەرسىلەر:دوخۇپكا،قۇرۇتۇش ماشىنىسى،كىرئالغۇ،قاچا يۇيغۇچ،مىكروئوچاق،دەزمال،يىمەكلىك ئىلىشتۇرۇش ماشىنىسى،چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ قاتارلىقلار.

    ئاياللارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىدىغان نەرسىلەر:خاتىرە كومپىيۇتېر،ئۈستەل كومپىيۇتېرى،iPhone، قارا بۆلدۈرگەن،MP3، يانفۇن، iPad،ماشىنىدا ئىشلىتىلىدىغان يول باشلاش ئۈسكۈنىسى،ئىلكتىرونلۇق ئويۇنچۇق،رەقەملىك ئاپپارات قاتارلىقلار.

             كۆرۈلۈشى:1332     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-14 12:37:39يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    مۇھەببەت شەربىتى تەي..
    چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
    پاكىستاندىكى ئۇيغۇرل..
    چاۋشيەن ياشلىرى كورى..
    ئامېرىكىلىقلار نىكاھ..
    تاشلىۋېتىشكە تېگىشلى..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682