ئامېرىكىقلار ئاجرىشىشقا رازىكى جۆرىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئامېرىكىقلار ئاجرىشىشقا رازىكى جۆرىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ
ئامېرىكىقلار ئاجرىشىشقا رازىكى  جۆرىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ
        مال-دۇنيا ئۈچۈن توي قىلىش ئەزەلدىن بار ئىش. ۋەھالەنكى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن توي قىلىش زامانىۋى ئىجادىيەت. بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئامېرىكىدا ھەممە پۇقرا ھەقسىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئامېرىكىدا ئالاھىدە كىشىلەر ۋە ئاجىز كىشىلەردىن باشقا، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغان بولغاچقا، سودا سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. بۇ، ئامېرىكىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى دەپ توي قىلىدىغان ياكى ئاجرىشىدىغان غەلىتە ئىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان.
       ئامېرىكا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا سودا سۇغۇرتىسى ھەققى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ھەققنىڭ كۆپ قىسمىنى كارخانا خوجايىنلىرى، ئاز بىر قىسمىنى سۇغۇرتىلانغۇچى تۆلەيدىكەن. شۇنداقلا، بىرەيلەن سۇغۇرتىلانسا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلىنىدىكەن. ئامېرىكا «كىزېر» ئائىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل ئەتىيازدىكى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ٪7 كىشى: بۇلتۇر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدىن بەزىلىرى سۇغۇرتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن توي قىلدى، دېگەن.
        توي قىلىش ئارقىلىق، جورىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇش خىزمەت قىلىش پۇرسىتى  بولمىغانلار ئۈچۈن بىردىنبىر ئەڭ ياخشى چىقىش يولى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا كىنتۇككى شتاتى ۋىنتون شەھىرىدە توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان پوپ ستېفېن: بۇنداق ئىشلارغا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتتىم. مەن تويىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوندىن بىرقىسمى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى، دەپ توي قىلغان، دېدى.
        2007-يىلى 4-ئايدا 47 ياشلىق پارىس كۆكسىدە ئۆسمە بارلىقىنى بىلىپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن. چۈنكى، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدىغان پارىس ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا ئېرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تايىنىپ داۋالىنىپ كەلگەنىكەن. ئۇ بىر يىل بۇرۇن ئېرى بىلەن ئۆي ئايرىپ تۇرغاندىن بۇيان، ئېرى بىلەن ئانچە كۆپ ئالاقىلەشمىگەن بولسىمۇ، ئېرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تايىنىپ داۋالىنىش ئۈچۈن، ئادۋوكاتى ئارقىلىق ئېرىدىن ئاجرىشىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، ئېرى ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان.
         داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن، بەختسىز نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇش ئامالسىزلىقتىن بولۇۋاتقان ئىش. ۋەھالەنكى، نۇرغۇن كىشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى دەپ گۈزەل ئائىلە تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جەمئىيەتتىكى ئازساندىكى ئاجىز كىشىلەر ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ كىرىمى مۇئەييەن سەۋىيىگە يەتسە، بۇنداق پاراۋانلىقتىن يەنە بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئەكسىچە، ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىپ كەتسە، كېسىلى بار تەرەپ ئىشسىز، شۇنداقلا ئېغىر كېسىلى بار جورىسىز ئائىلە سۈپىتىدە، ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاسانلا بەھرىمەن بولالايدۇ.
       سېئاتىلغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق مىچېل بىلەن مولتېن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋەبىدىن، نائىلاج ئاجراشقان. 46ياشلىق ئائىلە ئايالى مىچېل ئىككى بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ ئېرى مولتېن سىرچى بولۇپ، سۇغۇرتا سېتىۋالمىغاننىڭ ئۈستىگە،  50مىڭ دوللار قەرزى بار ئىكەن. كېيىن، مىچېل كىرىمى ئىنتايىن ئاز كىشىلەرگە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنداق سالاھىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆي تۇتقىنىغا 17يىل بولغان ئېرى بىلەن ئاجرىشىشنى قارار قىلغان. مولتېن دەسلەپتە تەڭلىكتە قالغان، كېيىن، خوتۇنىنىڭ قارارىغا قوشۇلغان. ئۇ: ئاجرىشىپ كېتىشكە رازىمەنكى، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايمەن، دېگەن.
         كۆرۈلۈشى:1418     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-12 21:05:35يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

مۇھەببەت شەربىتى تەي..
چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرل..
چاۋشيەن ياشلىرى كورى..
ئامېرىكىلىقلار نىكاھ..
تاشلىۋېتىشكە تېگىشلى..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682