جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ھۆسىن تۈزىتىش دۆلىتى ئىكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ھۆسىن تۈزىتىش دۆلىتى ئىكەن

  • مەنبە: www.dfhon.com
  • 2011-09-22 11:39
  • ھەممىمىز كورىيەلىكلەرنىڭ ھۆسىن تۈزىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۆسىن تۈزەتكەن. ئەمما «ھۆسىن تۈزىتىشتىكى چوڭ دۆلەت» دېگەن قالپاقنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزغا كىيىلىپ قېلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر تاساددىپىيلىق.
    يېقىندا ئەنگىلىيە رېيتېر ئاگىنتلىقىتارقاتقان خەلقئارا ھۆسىن، شەكىل تۈزەش خىرۇرگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو شەكىل تۈزەش خىرۇرگىيە ئوپىراتسىيىسى قىلىش جەھەتتە ئامىرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
    دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان ستاتىستىكىنى تارقاتقان بولۇپ، 2010-يىلى مەملىكەت بويىچە ھۆسىن تۈزۈش ئوپىراتسىيىسى 3 مىليون قېتىمغا يەتكەن، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇمات تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلمىغان. بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمىمىز ياپونىيىدىن ئېشىپ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈش بىلەن بىرگە ھۆسىن تۈزەش جەھەتتىمۇ ئوخشاش ئورۇنغا ئۆتتۇق.


    مەملىكىتىمىزدىكى ھاللىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، گۈزەللىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇغما كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشتىكى ئىنتىلىش بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مەيلى ئۆزىمىز بولايلى ياكى چەتئەللىكلەر بولسۇن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلادمۇ گۈزەللىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلالماي تۇرالمايمىز. ئىلگىرى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان پەرىشتىدەك گۈزەل چولپانلارنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى رەسىملىرىگە قارىساق ئانچىمۇ ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوقلىقىنى ھېس قىلىمىز. ھەتتا تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۈچتۈڭگۈر، قوپال ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، دۇنيا چىمپىيونلۇقىدىن تاماشا چولپانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.

    ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ بىمالال ھالدا ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىغا كىرىپ ھۆسىن تۈزىتىشى ۋە گۈزەللىكنى سۆيگەنلىكتىن بولماستىن بەلكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەلىپى. مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ياكى كېيىن خىزمەت جەريانىدىكى رىقابەت مەيدانىدا بولسۇن، بوي ئېگىزلىك، چىراي-تۇرۇق، بەدەن شەكلى كەم بولسا بولمايدىغان ئەۋزەللىك بولۇپ قالدى. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە ئادەم جەمئىيەتتە بىر قەدەر يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشنى ئويلايدۇ، بۇ ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە رىقابەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش، مەبلەغ سېلىشقا ئەزرىگۈدەك ئىش.
    بىز جەمئىيەتتە تۇيۇقسىز باش كۆتۈرگەن ھۆسىن تۈزەش قىزغىنلىقى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىمىز، ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ۋە كىشىلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئۆلچىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياشلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشىگە قارىتا باشقىلار ھېچنىمە دېيەلمىسىمۇ ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ھۆسىن تۈزەتكۈزسە، ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى ھەتتا كېيىنكى تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. بۇلتۇر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىر ناھايىتى قىزىقارلىق دوكلات تارقىتىلغان بولۇپ، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ھۆسىن تۈزىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئەمما ئۇلار دائىم ئوغۇرلۇقچە ھۆسىن تۈزىتىدىكەن. يەنى يىللىق ئارام ئېلىش ۋاقتى ياكى ئالتۇن ھەپتىدە ئايالىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەخپىيرەك ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، بەزى بىر كىچىك ئوپىراتسىيىلەرنى قىلدۇرىدىكەن. ئۆلچىمى، ياش ھەم جانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە روشەن ئىز قالدۇرماسلىق ئىكەن. ئەمەلدارلارنىڭ بۇنداق ئىنتىلىشى، ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
             كۆرۈلۈشى:1288     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-23 10:49:26يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    مۇھەببەت شەربىتى تەي..
    چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
    پاكىستاندىكى ئۇيغۇرل..
    چاۋشيەن ياشلىرى كورى..
    ئامېرىكىلىقلار نىكاھ..
    تاشلىۋېتىشكە تېگىشلى..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682