لىفىت قاتارلىقلارنىڭ ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبى ئىشلىتىش توغرا بولماسلىق - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
لىفىت قاتارلىقلارنىڭ ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبى ئىشلىتىش توغرا بولماسلىق

 

دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى خەۋەر باياناتچىسى لىيۈەنپىڭنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇيىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوچاق، لىفىت قاتارلىق ئېلىكتىرونلۇق ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەقە يۈز بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ، ھادىسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش جەريانىدىن كېلىپ چىقىدىكەن .

شۇ كۈنى ئېچىلغان سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى رەسمىيەت ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيىلىشچە ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان ئوچاق ، خەتەرلىك بۇيۇملار قاچىلاش ئەسۋابى ، كىران ۋە لىفىت قاتارلىقلاردا ھادىسە كۆرۈلۈشى ئايرىم ئايرىم ھالدا 15قېتىم ،13قېتىم ،27قېتىم ۋە 26قېتىم بولغان .
ئۇ مۇنداق دېگەن : ھادىسىنىڭ يۇز بېرىش ۋەقەلىكىدىن قارىغاندا ، ئىشلىتىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر82قېتىم بولۇپ ، ئومۇمىي ساننىڭ 72.6 % نى ئىگەللەيدۇ. ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىشلىتىش ، قوللىنىش جەريانىدىكى خاتا مەشغۇلات ، قانۇنسىز ئىشلىتىش باسقۇچى ۋە ئاسراش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلار .
ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەرخىل ھادىسىلەر113قېتىم يۈز بېرىپ114 ئادەم قازا قىلىپ ،80ئادەم يارلانغان ،ئارىدىكى 30قېتىملىق ھادىسە بىرقەدەر ئېغىر بولغان . بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھادىسە يۈز بېرىش سانى بۇلتۇرقىدىن 27.10% تۆۋەنلىگەن . ئۆلگەنلەر سانى 13.64% تۆۋەنلىگەن . يارىلانغانلار سانى 40.74% تۆۋەنلىگەن ،ئېغىر ھادىسىلەر سانى 34.78% تۆۋەنلىگەن .
لىيۈەنپىڭنىڭ ئېيتىشىچە ، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى خەتەرلىك قاچىلىغۇچى بۇيۇملار ، لىفىت ۋە كىرانلىق ماتورلارنىڭ ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىنچكە تەكشۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ياسىلىش ۋە باشقۇرۇلۇش تۈزىمىنى چىڭايتىپ ، قوشۇمچە چاتاقلارنى تازىلاپ ، ئالدىن بىلىش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىپ ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
         كۆرۈلۈشى:857     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-8-31 9:14:17يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

مۇھەببەت شەربىتى تەي..
چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرل..
چاۋشيەن ياشلىرى كورى..
ئامېرىكىلىقلار نىكاھ..
تاشلىۋېتىشكە تېگىشلى..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682