يولۋاش ئۆز كۈنىگە رازى بولماي ، ئادەملەرگە ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ . ئادەملەر نىمە يەي دېسە يىيەلەيدىكەن . نىمىنى خلىسا شۇنى قىلالايدىكەن ، نېمىدېگەن ئەركىن - ھە ! مەنمۇ ئادەم بولۇپ قالسامچۇ ...دېگەنلەرنى ئويلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەمدەك ياشىغۇسى كېلىپ ، ئادەملەر بىلەن دوستلاشماقچى بوپتۇ . ئۇ بىر مەھەللىگە كېلىپ ، ئۈچ ئۆينى كۆرۈپتۇ- دە ، ھە ، ئادەملەر بار يەرگە كەپتىمەن ، دەپ بىر ئۆينىڭ دېرىزىسى يېنىغا كېلىپ ، ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپتۇ :- قاچانغىچە مۇشۇنداق ئوغىرلىقچە ئىش قىلىۋېرىمىز ؟ بالدۇراق توي قىلىۋالايلىچۇ ؟- ۋاي ئالدىرىمىسىڭىزچۇ ، ئايالىم يەڭگىۋالسۇن ...- نېمە ، سەن ئايالىم بار دېمىگەنىدىڭغۇ ؟ ھۇ نومۇسسىز !...بۇ خەقنىڭ گېپىنى چۈشەنمەك سەل تەس ئوخشىمامدۇ ، دەپ ئويلىغان يولۋاس ئىككىنچى ئۆينىڭ ئالدىغا كەپتۇ :- ۋاي ، بولە ئاداش ! ھېلى ھايغا كېچىكىپ قالىمىز . - سەل ساقلاپ تۇرۇڭلارچۇ ، ئۆيدىكىلەرگە ئازراق نەرسە تەييارلاپ قوياي . - ۋايجان ، بىرەر ۋاق تاماق يېمىسە ھېچنىمە بولمايدۇ . مېنىڭمۇ ئىككى ياشلىق بالام قالدىغۇ !- كىم قارايدۇ بالاڭغا ؟- بالا باققۇچى قارىمامدۇ ؟- ئېرىڭچۇ ؟ - ئۇ ئۆزى تاماق قىلىئو يەۋېرىدۇ . يولۋاس بۇلارنى ئاڭلاپ ، مەن جېنىمدا بالامغا قىيالمايمەن ، ماۋۇلارنىڭ باغرى نىمانچە قاتتىق ، دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئۈچىنچى ئۆيگە كەپتۇ :بولە ئاداش ، خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى ، چىدىيالمىدىم . - مەنمۇ بولالمىدىم ، قانداق قىلىمىز ؟- ئازراقمۇ يوقما ؟- چىدىمىدىم ، بۇ نىجىسنى نىمىشقىمۇ ئۈگىنىپ قالغاندىمەن ؟ بىزنىڭ كۈنىمىزدىن ھايۋاننىڭ كۈنى ياخشىراقتۇ ....ۋاي توۋا ، نىمانچە بىچارە بۇلار ؟ يەنىلا ھايۋان بولۇپ ئەركىن ياشاي ، دەپ ئويلىغان يولۋاس ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ . - شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号