تىل ئىچكى ئەزالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، تىلدىكى ئۆزگىرىش ئىچكى ئەزالاردىكى ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدۇ ، شۇڭا تىلنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ . 1 . ئەتىگەندە تىلنى چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈش ھەرىكىتىدىن ئون قېتىم ، تىلنى چىقىرىپ ئوڭ - سولغا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن بەش قېتىم ئىشلەش .2 . ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ئىككى قولنى تىزغا قويۇپ ، بەدەننى سەل ئالدىغا ئىگىپ ، نەپەس بىلەن تەڭ ئېغىزنى چوڭ ئېچىپ ، تىلنى چىقىرىش بىلەن بىللە ، نەپەسنى قويۇۋېتىش ھەرىكىتىنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئىشلەش .3 . تىلنى چىقىرىپ كىرگۈزۈش ھەركىتىنى ئىشلەش بىلەن بىللە ، قۇلاق ئاستىدىن يۇتقۇنچاققىچە بولغان ئارىلىقنى ئۇۋۇلاش .4 . ئەينەككە قاراپ تىلنى چىقىرىپ ،ئىككى - ئۈچ سىكونت تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى بەش قېتىم ئىشلەش يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم ، ياشلار - ئۆسمۈرلەردىكى چاچ بالدۇر ئاقىرىش ، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش ، ئۇيقۇسىزلىق ، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号