بىر ئادەم ئاپتوموبىلىنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ بىردەم ئۇخلىۋالماقچى بوپتۇ.ئۇ ئەمدى كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلىشىغا،بىرەيلەن دېرىزىنى چېكىپ«سائەت نەچچە بولدى؟» دەپ سوراپتۇ.ئۇ«سەككىز بولدى» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.ئۇ يەنە ئەمدىلا كۆزىنى يۇمۇشىغا يەنە بىرەيلەن دېرىزىنى چېكىپ«سائەت نەچچە بولدى»دەپ سوراپتۇ.ئۇ يەنە«سەككىز يېرىم بولدى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.دېرىزىنى چېكىدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتكەچكە قەتئىي ئۇخلىيالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كىچىك قەغەزگە«مەن سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن»دەپ يېزىپ دېرىزىسىگە چاپلاپ قويۇپ ئۇخلىماقچى بوپتۇ.بىراق نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا يەنە بىرەيلەن دېرىزىنى چېكىپ«ئەپەندىم،ھازىر سائەت توققۇزدىن 15 مىنۇت ئۆتتى» دەپتۇ.
ھېكىمەت:بىز قانچىكى كۆرۈشنى خالىمىغان نەتىجە شۇنچىكى ئاسان يۈز بېرىدۇ.باشقىلارنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارچىلىقى بەلكىم سىزگە بولغان غەمخورلىقى بۇلىشى مۇمكىن.
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号