باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ
سېغىزخان ئۇۋا ياساپتۇ. قوشنىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىپتۇ.

   قۇشقاچ: ‹‹ناھايىتى چىرايلىق بوپتۇ، بىراق ئوت – چۆپنى بەك قېلىن يېيىۋېتىپسىز›› دەپتۇ.

   شاتۇتى: ‹‹ئۆيىڭىز ناھايىتى پۇختا بوپتۇ. تاش بىلەن يەنە ئازراق پۇختىلىۋاتسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ›› دەپتۇ.

   قاغا: ‹‹ئۆيىڭىز ناھايىتى ئىسسىق بوپتۇ. بىراق ئۆيىڭىزنى بۇ يىل مودا بولۇۋاتقان قارا رەڭدە سىرلىۋەتسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ›› دەپتۇ.

   سېغىزخان ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ.

   قىش كەلگەندە، سېغىزخان ئۇۋىسىدا توڭلاپ ھېچ ياتالماپتۇ. ھەتتا سوغۇق شامال كەلگەندە كىچىك تاشلار بوشىشىپ سېغىزخاننىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپتۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، كىچىك بالىلار سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشىتىپ، ئارام بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سېغىزخان ئامالسىز يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

   ھېكمەت: باشقىلارنىلا ئويلاش تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سىز مۇستەقىل بولۇشىڭىز، باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىقىڭىز ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش بىلەن مۆلچەرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:2790     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-3-15 12:13:11يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى..
ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە كۈ..
ئاددىي جاۋاب..
تاللانغان ئېسىل يۇمۇ..
باشقىلار تەرىپىدىن ك..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682