تاللانغان ئېسىل يۇمۇرلار - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
تاللانغان ئېسىل يۇمۇرلار

- دادا، مەن بۈگۈنكى ئىمتىھاندا 60 نومۇر ئالدىم،- دېدى ئوغلى دىر-دىر تىترىگىنىچە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دادىسىغا.
- كېيىنكى قېتىمقى ئىمتىھاندا ئەگەر تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالساڭ، مېنى «دادا» دەپ چاقىرغۇچى بولما!- دېدى دادىسى ئاچچىقلاپ.
- كەچۈرگىن، ئاكا،-دېدى ئەتىسى ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ.


 ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***

بىر ئەرەب ئوقۇغۇچى دادىسىغا ئېلخەت يوللىغان بولۇپ، خەتتە مۇنداق دېيىلىپتۇ: «دادا، پارىژ بەك ياخشى جاي ئىكەن، ئەمما مەن مەكتەپكە بېرىشقا سەل خىجىل بولۇۋاتىمەن. باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېتروغا ئولتۇرۇپ، مەكتەپكە بارىدىكەن، بىر مەنلا مىرسىدىس.بىنىز ھەيدەپ بارىدىكەنمەن».
دادىسى ئوغلىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، مۇنداق دەپتۇ:« ئوغلۇم مەن ھازىرلا ساڭا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتىپ بېرەي، تېزدىن مېترونى سېتىۋالغىن».

 

 ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***

ئەمدىلا ئوقۇشقا كىرىپ، پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلاپتۇ. بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ پېڭ، مەن بېيجىڭدىن كەلدىم، مەن شاھمات (下棋) نى ياخشى كۆرىمەن.
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا، بىر قىز قورۇنغان ھالدا مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق دېدى:
- مېنىڭ ... مېنىڭ ئىسمىم  شىياچى ( 夏琪)

 

 ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***

بىر رەھبەر مەست بولغاندىن كېيىن، كۈتكۈچى قىزغا بەدەن ئۇۋۇلىتىپتۇ. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، باشلىقنىڭ تېلېفونى سايراپ كېتىپتۇ. كۈتكۈچى خۇددى خۇددى كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەتچى خادىملىرىغا ئوخشاش قىلىپ:« كەچۈرۈڭ، سىز چاقىرغان ئابونت ھازىر مەست بولۇپ قالدى، ئەتە قايتا ئۇرۇڭ» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باشلىقنىڭ ئايالى قاتتىق ۋارقىراپ:« ئەتە سېنىڭ قانچىلىك ھاراق ئىچىدىغانلىقىڭنى جۇڭگو كۆچمە تېلېگرافى بىلىدۇ» دەپتۇ.

 ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***

ئوسمان دائىم دادىسىنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىنژېنېر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ غەيرەت بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، مۇنداق سوراپتۇ:
- سەن ھىمالايا تېغىنى بىلەمسەن؟
- بىلىمەن، دەپتۇ،- غەيرەت.
- ئۇنى مېنىڭ دادام ياساپ چىققان،-دەپتۇ ئوسمان كۆرەڭلەپ.
بىر دەمدىن كېيىن، غەيرەت ئوسماندىن سوراپتۇ:
- سەن «ئۆلۈك دېڭىز» نى بىلەمسەن؟-
-بىلىمەن،-دېدى ئوسمان كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ.
- ئۇنى مېنىڭ دادام ئۆلتۈرۈۋەتكەن...

 

 ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***  ***

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى ئۈچ يىل بولغان بىر قانچە ساۋاقداش بىر يەرگە جەم بوپتۇ. ئۇلار تېخنىكا- java، xml  توغرىلىق سۆزلەپتۇ. ئارىدىكى بىر ساۋاقداش خىلى بۇرۇنلا شىركەت ئاچقان بولۇپ، تېخنىكا توغرىسىدا گەپ قىستۇرالماي، بەك ئىچى سىقىلىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دەپتۇ:
شىركىتىمىز كەسپىنى كېڭەيىتكەنلىك سەۋەبتىن، بىر نەپەر شوپۇر قوبۇل قىلماقچى، شەرت، تۆت يىللىق java ئېچىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك...
ئارىنى ئېغىر سۈكۈت باستى.

         كۆرۈلۈشى:4212     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-4-7 20:23:27يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى..
ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە كۈ..
ئاددىي جاۋاب..
تاللانغان ئېسىل يۇمۇ..
باشقىلار تەرىپىدىن ك..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682