ياپونىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تاپشۇرۇقلىرى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ياپونىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تاپشۇرۇقلىرى
ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى ئاز بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن قىزىقارلىق. تاپشۇرۇق تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ:
1. ئۆرنەكلەرنى بوياش ۋە رەسىم سىزىش. تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تاپشۇرۇقتىن ھوزۇر ئالىدۇ، يەنى ئۇلارغا چىشنى چوتكىلىغاندىن كېيىن ئۆرنەكلەرنى تولدۇرۇش (بوياش) تاپشۇرۇقلىرى بېرىلىدۇ. بالىلار ئەتىگەن ۋە كەچتە چىشىنى چوتكىلىغاندىن كېيىن، ئۆرنەكنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلىق چىش چوتكىلاشتەك ياخشى ئادەتىنى يېتىلدۈرىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەسىم ئارقىلىق خاتىرىلەش تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ؛
2. كىتاب ئوقۇش تەسىراتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. يازلىق، قىشلىق تەتىلدە چوقۇم كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى يېزىش تاپشۇرۇقى بېرىلىدۇ؛
3. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا توردىن ئۆزى تۇرىۋاتقان رايوندا قانچە كىتابخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى بارلىقىنى تېپىش ياكى ياخشى كۆرىدىغان دوكتۇرلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تاپشۇرۇقلارنى بېرىدۇ؛
4. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىدا «ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش خاتىرىسى» دېگەن مەزمۇن بولۇپ، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدە بايقىغان ھەم ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىگە يېزىپ، چوڭلارنىڭ پىكىر يېزىشىغا بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خەت يازىدىغان تاپشۇرۇقلىرى ئاز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇق بەرسە، «ۋاقتىڭلار بولسا ئىشلەڭلار، بولمىسا ئىشلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ، چۈنكى ياپونىيە مائاراىپچىلىرى ئونۋېرسال ساپانى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.

                                                                                                    ــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

         كۆرۈلۈشى:3143     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-5-12 15:37:57يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى..
ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە كۈ..
ئاددىي جاۋاب..
تاللانغان ئېسىل يۇمۇ..
باشقىلار تەرىپىدىن ك..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682