بىر يىگىت بىر قىزىنى ئىنتايىن ياخشى كۈرۈپ قالدى ، ئەمما قىزنىڭ دادىسى ئۇ يىگىتنى ياقتۇرمايتى ، ئۇلارنىڭ مۇھاببىتىنىڭ داۋاملاشماسلىقىنى ئويلايتى .يىگىت قىزغا بىر پارچە خەت يازماقچى بولدى . يازغان خېتىنى ئاۋال قىزنىڭ دادىسىنىڭ كۆرىۋالىدىغانلىقىنى پەملەپ ، خەتنى مۇنداق مەزمۇندا يازدى :مىنىڭ سىزگە بولغان مۇھاببىتىم ئۆچتى،سىزگە بولغان نەپرىتىم ئۇلغايماقتا، سىزنى كۆرسەملا ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچىدۇ .ئويلايدىغان ئىشىم ، سىز بىلەن ئەمەس ، باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىش . بىزنىڭ يېقىنقى سۆھبىتىمىز تېتىقسىز بولدى . شۇڭا ئامالنىڭ بارىچە يەنە بىر ئۇچىرشىشىمىزنى تەقەززا قىلدى .ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۈزىڭىز ئۇۋلاڭ .مۇبادا توي قىلساق ، ئىشەنچىم كامىلكى ،غۇربەتچىلىكتە ئۈتىدىكەنمىز .ئىلاجىسىزلىقتلائىناق ئۈتىدىكەنمىز . قەلبىمنى بەرمەكچى ئەمما ھەرگىز سىزگىلا . ھىچكىم سىزگە ئوخشاش باغرى تاش ۋە شەخسىيەتچى ئەمەستۇر ،ماڭا كۈيۈنمەس ۋە ياردەم قىلماس .سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى ئېيتايكى ،دىگەنلىرىمىنىڭ ھەممىسى راست .ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزسەك .خېتىمگە جاۋاپ يېزىڭ . خېتىڭىزمىنىڭ ئارزۇيۇمدىكىدەك يېزىلسا ماڭا نىسبەتەن زور تەسەللى بۇلىدۇ .ئىشىنىڭكى سىزنى يەنىلا ياخشى كۈرىمەن دەپ ئېيتالمايمەن .قىزنىڭ دادىسى خەتنى كۆرگەندىن كىيىن ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ خەتنى قىزىغا بەردى ، قىز خەتنى ئۇقۇپ ، يىگىتىنىڭ ئۆزنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۈرىدىغانلىقدىن بەكمۇ خوشال بولىدۇ؟ ئەسلىدە قىز بىلەن يىگىت بىر خىل مەخپى ئۇسۇل بىلەن خەت يېزىشاتتى . قىز پەقەت خەتنىڭ تاق قۇرىنىلا ئۇقۇيىتى
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号