ئانىلار - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئانىلار

‹‹ ئىڭە ›› دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ، ئۇيقۇلۇقتا سىلاپ – سىپاپ ئىڭەلىگەن ئەللىيىنى ئېمىتىپ ، مېھرىرلىك كۆزلىرى بىلەن يۈرەك پارىسىگە قاراپ تويمايۋاتقان كىم ؟


تەم – تەم ماڭغان قوزىسىنىڭ  كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ، چارچاپ ھالى قالمىسىمۇ چېھرىدىن كۈلكە كەتمىەەن كىم ؟


بالام دەپ مىڭ يەردىن تۆكۈلۈپ ، بالام دەپ بارىنى بېرىپ ، مەكتەپكە يولغا سېلىپ كەينىدىن ئالدىراش ئىشقا ماڭغان كىم ؟


ئىشتى قايتىپ كىيىملىنى ئالماشتۇرۇشقا ، قولىنى يۇيۇشقا ئاران ئۈلگۈرۈپ ، تاماققا تۇتۇش قىلىېاتقان ، تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇپ ، بالىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقان ، باللىرىم ئوبدان ئۇخلىسۇن دەپ يۇمشاق ئورۇن ھازىرلاۋاتقان كىم ؟


زىمىستاندا ئىللىق قوياش ، باھاردا مەيىن شامال ، تومۇزدا زەمزەم بولۇپ ، پەرزەنىتلىرىنى مېھرىبان ئىنسان بولۇشقا ئۈندەۋاتقان كىم ؟


قىزىق تونۇرغا نەچچە قېتىم باش تىقىپ ، قىزىق تونۇر تەپتىدە قىزارغان يۈزىدىن رەڭ ئېلىپ پىشقان توقاچلىرى بىلەن ھاياتلىققا لەززەت بېغىشلاۋاتقان كىم ؟


يۇلتۇزلار جىمىرلىغان ، تولۇن ئاي زېمىنغا مېىر بىلەن باققان تۈن كېچىلەردە تېخى ئۆيگە كەلمىگەن بالىسىنى زارىقىپ كۈتۈپ ، ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئولتۇرغان كىم ؟


ئانىلار ، مەن ئىزدىدىم ، ھەممە يەردە سىلەرنىڭ سىمايىڭلار ، سىلەرنىڭ ئىزىڭلارنىڭ ئىزلىرىڭلار بار ئىكەن . ئېھ ، ئانىلار ، قەلبىڭلاردا سوۋۇماس ئاتەش مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن ، بالام دەپ ئوتقا كىرىشتىن ، سۇدا ئېقىشتىن يانمايسىلەر . سىلەرنىڭ سېخىيلىقىڭلار زېمىننى خىجىل قىلسا ، مېھىر – مۇھەببىتىڭلار قۇياشنى خىجىل قىلىدۇ . ھەربىر تاڭ ، ھەربىر پەسىلدىكى گۈزەللقكلەر سىلەرنىڭ تەبەسسۈمىڭلاردىن  قىزغىنىدۇ . ئانىلار ، سىلەر پەرىشتە ! چۈنكى سىلەر ئازاب ، قايغۇ ، مۇشەققەتلەرنى ئۆزۈڭلارغا قالدۇرۇپ ، بىزەە بەخىت ھەدىيە قىلغان . شۇڭا يولۇڭلار ئاق ، تېنىڭلار ساق ، ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن ! شۇ ئامانلىقتا قەلبىڭلارغا تولۇپ تۇرغان بارچە مۇھەببەتتەك مۇھەببەتلىك قەلبلەردىن مۇھەببەتلىك قەلىبلەرگە يول ئېچىلسۇن ، دۇنيا مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن

         كۆرۈلۈشى:3058     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-19 11:39:05يوللىغۇچى ئەزا:RIWAYAT2002
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىك..
مۇھەببەتكەشكەن چاغلى..
سەن ماڭا گۈزەل..
كەڭ قورساق بولۇڭ..
ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت..
ھەقىقىي مۇھەببەت يېن..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682