|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
زىيادە ئورۇقلار دۇچ كېلىدىغان خەتەرلەر
|
|
|
نۇرغۇن كىشى گۈزەللىك قوغلىشىپ، ئورۇقلىماقچى بولىدۇ، لېكىن بەك ئورۇق كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ: 1. سۆڭەكنىڭ سۇنۇش خەتىرى زور بولىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ سۆڭەك زىچلىق نىسپىتى تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، سۆڭەك سۇنۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۈگۈرۈش قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلەرنى كۆپ ئىشلەپ بەرگەندە، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 2. بوغۇم ياللۇغى ھەمدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى يۇقىرى بولىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن، بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. 3. بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسپىتى يۇقىرى. بەك ئورۇق ئاياللاردا ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايغىچە بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. 4. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خەتىرى زور بولىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بەك ئورۇق ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسپىتى يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئورۇق ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدە كىشىنى خۇشال ھېس قىلدۇرىدىغان خىمىيەلىك ماددا تۆۋەن بولىدىكەن. 5.ياشانغاندا ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى يۇقىرى. بەك ئورۇق ئاياللارنىڭ ياشانغاندا يوتقۇنچاق ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى يۇقىرى بولىدۇ. 6. ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىك نىسپىتى يۇقىرى بولىدۇ.ئەرلەر بەك ئورۇق بولۇپ كەتسە، بالىلىق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ــــ شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:275 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/9 13:39:35 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|