يالغانچى قان تىپلىرىنىڭ تىزىلىشى 
ئەڭ يالغانچىلار o قان تىپىدىكىلەر بولۇپ ، o قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىققا ئادەتلەنگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغانچىلىقى شۇنداق ئاسان چېنىپ قالىدىكەن ؛ B قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىقىنى ھەرگىز ئېتراپ قىلمايدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەر ئادەتتە يالغان گەپ قىلمايدىكەن ، يالغان گەپ قىلسا ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىقنى ئۈگىنىپمۇ ئۈگىنىپ بولالمايدىكەن . 
 
كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ تېزىلىشى 
كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ بىرىنچىسى B قان تىپىدىكىلەر بولۇپ ،
ئۇلار زېھنى كۈچىنى يىغىشتا تەبىئىي ئىقتىدارلىق ئىكەن ، شۇڭا شۇڭا ئىش قىلغاندا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ قىلىدىكەن ؛  o قان تىپلىقلاردا باشقا بىرخىل تەبىئىي تالانت بولسىمۇ 
، تېرىشىپ كۆڭۈل قويغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا بىرەر ئىش كەلگەندە ، ئاندىن شۇ ئىش توغرىلىق باش قاتۇرىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەر ئۆزىگە 
شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ، يەنىلا 
چېچىلاڭغۇ ئىكەن . 
 
يۈزى قېلىن قان تىپىدىكىلەرنىڭ تېزىلىشى 
B قان تىپىدىكىلەر تۇغۇلىشىدىنلا يۈزى قېلىن بولىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەرنىڭ يۈزى 
بىر ئاز قېلىن كېلىدىكەن ؛  A قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە يۈزى قېلىنلىقىنى پەقەتلا 
قاملاشتۇرالمايدىكەن ؛ يۈزى قېلىن بولۇشقا ئەڭ تىرىشىدىغانلار o قان تىپىدىكىلەر ئىكەن 
 
مەخپىيەتلىكنى دېيىشكە ئامراق قان تىپىدىكىلەر 
o قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان بولۇپ ، ئۇلار باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىگىنى 
بىلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن ؛ B قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە ئىنتايىن ئۇچۇق - يورۇق 
كېلىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، ئۇلار بارلىق 
مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەرھېچقانداق مەخپىي ئىش 
قىلمىغاچقا ، ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك مەخپىيەتلىكى بولمايدىكەن .
                                                                         - شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى