. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ !

  • 2010-06-01

    چىرايلىق لايىھەلەنگەن Blog ئۇسلۇبلىرى - [بلوگ ياساش]

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بلوگ كۆرۈرمەنلىرى ، تور ئەسلىگە كەلگەندىن بېرى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بلوگقا يازما يوللاش ئىمكانىيتى بولمىدى ، شۇڭا بلوگ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى چىن-كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈرمەنلەرگە پايدىلىق ۋە قىممەتلىك بولغان تىمىلارنى تەييارلاپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن .
       تۈنۈگۈندىن بېرى بلوگ ئۈسلۈبدىكى رەتسىزلىكنى تۈگەتتىم ھەم ئىجرا بولمايدىغان كودلارنى چىقىرىپ تاشلىدىم ، ھەر ھالدا بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرىتى بۇرىنقىغا قارىغاندا خېلى ياخشى بولدى . نەچچە كۈندىن بېرى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ئۇسلۇپ تەييارلاپ بلوگگىرلارغا تەمىنلىمەكچى ئىدىم ، شۇڭا ئۇسلۇپ توغۇرلۇق ماتىريال ئىزدەۋېتىپ ناھايىتى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ئۇسلۇبلارنى ئۇچراتتىم ، لىكىن قايسى ئۇسلۇبنىڭ چىرايلىق ، كۆركەم لايىھەلەنگىىنىنى تاللىيالمىدىم .
    شۇڭا مەن ئۇچراتقان ئۇسلۇب لايىھەلىرى ئىچىدىن ماڭا نىسبەتەن ئەڭ چىرايلىق ۋە كۆركەم لايىھەلەنگەن بلوگ ئۇسلۇبلىرىدىن 20 نى يوللىدىم . كونىلاردا << ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك >> دېگەن گەپ بار ، تورداشلار ئۇسلۇب لايىھەلىرىگە باھا بەرگەيسىلەر ، بۇ  لايىھەلەر ئۇسلۇب لايىھەلەش ئۇستىلىرىغىمۇ ئىلھام بولسا ئەجەپ ئەمەس . قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ يازمامنى كۆرۈپ چىققىنىڭلار ئۈچۈن چىن-دىلىمدىن تەشەككۈر ئىيتىمەن !

     

    theOleg Blog

     

    Twirk Ethic

     

    Gisele Jaquenod

     

    Alyson Stoner

     

    Productive Dreams

     

    No Milk Today

     

    Matblogg

     

    Merchand de Trucs

     

    Avalon Star

     

    Pearsonified

     

    Eco Design Blog

     

    TJ Mapes

     

    Designpicks

     

    Elliot Jay Stocks

     

    Darren Hoyt

     

    Blogsolid

     

    Larissa Meek

     

    Kulturbanause

     

    Dreamscaper

    分享到:

    评论

  • شادلىق ئەپەندىم بۇ ئۇسلۇبلارغا باھا بەرگۈزۈپسىز لىكىن تەرجىمە قىلغىنىڭىزدىن بىرسىمۇ يوقكەنغۇ بۇ تىمىنى نىمە ئۈچۈنيوللىغان ئىدىڭىز ئىنكاسقا ئىرىشىش ئۈچۈنمۇ ياكى ....... مىۋىىڭىزنى كۆرسەك بولاتتى
  • blogbusنىڭمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق ئۇسلۇپلىرى بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە!
  • مىنى ئۇلىنىش قىلىۋالغان بولسىڭىز بىلىم بايلىق بلوگى http://bayliq.blogbus.com/
  • ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا تازا شۇشەن ئۇسلۇبلار ئىكەن.[defFace:0]
    Xadlik回复QAWANDAZLAR说:
    راس دەيسىز ، پىچەت ئۇسلۇبلار ئىكەن ، ئوخشىتىپ ياسىساق قانداق بولار ؟!!
    2010-07-07 01:11:00
  • مانا ئاخىرى يېڭىلىق باشلىنىپتۇ،بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن@!
    Xadlik回复ئۇيغۇربەگ说:
    رەھمەت ، دىگىنىڭىز بولسۇن !
    2010-07-01 17:11:17
  • ئۇزۇن بوپتۇ شادلىققا كەلمىگىلى،كەمىنە سىزنى ھەرقايسى بلوگلاردىكى ئىنكاسلىرىڭىزدىن سىزنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرگەن بولساممۇ بلوگىڭىزدىكى سۈكۈتدىن بىرخىل بولۇپ قالغان،
    Xadlik回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، كەلگەن قەدىىمىڭىزگە مەرھابا ! يېقىندىن بېرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ، بلوگقا پەقەتلا ۋاقىت ئاجرىتالمىدىم . ئىشقىلىپ خۇداغا شۈكۈرى ، بلوگنى رەتىىلىۋالدىم ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم چىقسىلا بلوگ يىزىشقا تىرىشىمەن . بلوگنىڭ يىڭىلىنىش سۈرىتى بۇرۇنقىدىن ئاستا بولۇپ كەتتى ، بۇ چىكىنىشتىن دېرەك بىرىدۇ . ئاددىيسى سىز بلوگىمنى بىىلىپ تۇرۇپ بلوگىمغا كەلمىگىلى خىلى ئۇزۇن بوپتۇ ، دىمەك بىلمەيدىغانلار بلوگىمغا ئۇيەر - بۇيەردىن بىلمەي كىرىپ قالسا كۆرىشى مۇمكىن ، بولمىسا ئىزدەپ سوراپ كىرىشى ناتايىن ....
    ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن بلوگنىڭ يېڭىلىنىش سۈرىتىنى ئاشۇرىمەن . سىزمۇ << ئۇزۇن بوپتۇ شادلىققا كەلمىگىلى >> دىمەي [defFace:10] ، كىرىپ يوقلاپ تۇراسىز ، مەنمۇ سىز تەرەپلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن ، بىر-بىرىمىزنى قوللاپ ، دىدارلىشىپ تۇرايلى . بلوگنىڭ تەرەققىياتى باشقىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ .
    2010-07-01 17:09:07
  • ماڭىغۇ ھەممىسى يارىدى ، ئەڭ يارىغىنى بەت يۈزى مەزمۇن كۆزنىكى كەڭرىرەكى ۋە بەت يۈزى ئۈچ سىتونغا ئايرىلغانلىرى . تەرجىمە قىلىنىپ كەتسە نەقەدەر ياخشى ھە .....
    Xadlik回复ئەلقۇت说:
    تورداشلارنىڭ پىكىرىغا ، ۋە قايسى خىل ئۇسلۇبقا بەكرەك ئىھتىياجلىقلىقىغا قاراپ ئاندىن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىنىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىدۇ . قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! دىققىتىڭىز كېيىنكى تىمىلاردا بولسۇن !
    2010-06-09 00:07:18
  • مومكىن بولسا ئۇسلۇپ لايىھەلەش، ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىش ھەققىدىكى تىمىللىرىڭىز كۆپرەك بولسا..
    Xadlik回复ئوۋچى说:
    بۇنىڭدىن كېيىن بلوگقا يوللانغان تىمىلار لايىھەلەش ، بلوگ تېخنىكىلىرى ، تىل ئۆگىنىش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىن ... ئاللاھ خالىسا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا مۇكەممەل بىر تىما تەييارلاپ يوللايمەن ، دىققىتىڭىز كېيىنكى تىمىلاردا بولسۇن . بەرگەن تەكلىپىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ، بلوگنىڭ تەرەققىياتى تورداشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ، يەنە قانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قويغايسىز .
    2010-06-04 01:02:25
  • نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي! قىرىندىشىم.
    بلوگ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش ، گۈزەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يازمىلارنى كۆپرەك يوللىسىڭىز.
    Xadlik回复Atash说:
    ئەسسالام ، ئاتەش ئەپەندىم ، بلوگىمنى زىيارەت قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !
    يوللىغان تىمام كورۈرمەنلەرگە يارىسىلا مەن شۇنىڭدىن خۇشال ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ تېخىمۇ پايدىلىق تىمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن . بلوگىمغا قارىتا قانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرغايسىز . ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى قوللاپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلايلى ! يەنە كەپ تۇرارسىز قېرىندىشىم ...
    2010-06-02 15:19:22
  • ماڭا theOleg Blog دېگەن ئۇسلۇپ بەك ياراپ قالدى .
    قانداق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى blogbus تا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ؟
    Xadlik回复karwanlar说:
    بۇ ئۇسلۇبلارنى Blogbus تا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، بۇ ئۇسلۇبلارنىڭ كۆپىنچىسى Wordpress بلوگ سۇپىسىنىڭ ئۇسلۇبى . بۇ ئۇسلۇبلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ، لايىھەلىنىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بلوگباستا ئىشلەيدىغان قىلىپ ياساشقا بولىدۇ . كۆرۈنمە يۈزى ئاساسەن ئاشۇ ئۇسلۇبلار بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ . ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبلارغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسىڭىز سىزمۇ يېڭى ئۇسلۇب ياساپ چىقالايسىز ...
    2010-06-04 02:30:49
Powered by BlogBus
Xadlik Blog 2008-2010 ©
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق