. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ! |
-
2009-06-06
ئۆزبېكىستاندىكى "Maxi Studio" ستۇدىيسى مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]
ئۆزبېكىستان SB.uz تور پونكىتى ئۇچۇرى:
ئۆزبىكىستان SB.uz تور پونكىتىنىڭ دائىمى ھەمكارلاشقۇچىسى « Maxi Studio» سىتۇدىيىسى (ئۈن-سىن مەركىزى) جۇڭگو شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. مۆمىنجان ئابلىكىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش مەقسىتىدە « Maxi Studio» سىتۇدىيىسىنىڭ مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇق.
1-سۇئال: ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھرىدە «Maxi Studio» سىتۇدىيىسىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟
-ئومۇمەن ئۆزبەك سەنئىتىگە قايىلمەن، بۇ قېتىم ئاتاقلىق سەنئەتكەرلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلار ئارقىلىق خەۋەردار بولغان، سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلار جۇڭگو شىنجاڭ رايۇنىدىمۇ مەشھۇر تور بېكەت ھېسابلىنىدۇ. بىر كۈنى تور بېكىتىڭلارغا كىرگىنىمدە مۇشۇ «ماھى سىتۇدىيۇ» سىتۇدىيىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ سىتۇدىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قارار قىلدىم، مانا ھازىر سىتۇدىيىڭلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.2-سۇئال: نىمە سەۋەبتىن ئۆزبىكىستانغا كەلدىڭىز؟
-يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئۆزبىك سەنئىتىگە قىزىقىپ كەلگەنمەن، ئۇنىڭدىن باشقا مېھماندۇست خەلق بولغانلىقىڭىزلار ئۈچۈن ئۆزبىكىستانغا كېلىشنى قارار قىلدىم.
3-سۇئال: ئېيتىشلارغا قارىغاندا سىز جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆزىڭىزنىڭ ناخشا كېچىلىكىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋېتىپتىكەنسىز؟
-شۇنداق، يېڭى پىلاستىنكامنى «Maxi Studio» سىتۇدىيىسى ۋە سىلەرنىڭ SB.uz تور بېكىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا تارقىتىشنى بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان، ھازىر يېڭى ناخشىلارنى ئىشلەۋاتىمەن، بۇرۇن تاشكەنتتىكى باشقا ئۈن-سىن مەركەزلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ باققانتىم، بىراق ئۇلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانىدىم.
4- سۇئال: شۇ كۈنلەرقايسى ناخشىلىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەكچى؟
-«يېقىن ئارىدا بارىمەن ئانا»، «مۇزلىغان يۈرەك» ۋە «ھوي سەھرا قىزى» قاتارلىق ناخشىلىرىمنى ئېيتماقچى.
5-سۇئال: يېڭى ناخشا پىلاستىنكىڭىزنى قاچان تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟-جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە 6-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ياشاۋاتقان مۆمىنجان ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت ۋە ئامەت تىلەيمىز!
ئۆزبېكچە مەنبە: بۇ جاينى بېسىڭئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: EnQa (ئەنقا)
评论
بىلوگىڭىز ئۇلىنىشقا قىتىلدى.
بىر ھەپتىدىن ئاشتى بۇ ئىنكاسنى يازغىلى ئەگەر قۇيالمىسىڭىز ئىنكاس يزىۋەتسىڭىز قانداق ؟[defFace:2]
ھەراس ... بۇنىڭ پۇلىنى پايپال تور بانكىسى ئارقىلىق ئالدىكەنمىز، ئېلگىرى مەن پايپالنى 认证 قىلاماي بەك ئاۋارە بولغا ن ئىدىم ، شۇڭا سىزنىڭ پايپالنى ئېلتىماس قىلىش جەريانىڭىزنىڭ بىلگۈم بار، بولسا تىما يوللىغايسىىز!
بۇ قېتىم بلوگىڭىزغا "تۇرا تورى" ئۇلىنىشقا قوشۇشنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز كەپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن . [defFace:10]