. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ !

  • 2009-06-10

    Paypalغا تىزىملىتىش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    بەزى دوسلار paypal غا تىزىملىتىش دەرىسىنىمۇ ياساپ يوللاپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن يوللاندى .

    paypal خەلقئارالاشقان بىرلەشمە ھەق تۆلەش شەكلى بولۇپ، دۇنيادىكى 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇنلار بىلەن توردا بىۋاستە پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق تور ماگىزىنى Ebay يولغا قويغان تۈر بولۇپ، توردا مال سېتىش- سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق پۇل تۆلەش ۋاستىسى قىلىنغان. نۆۋەتتە paypal پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ پۇل- مۇئامىلە، بانكا ساھەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى VISA بەلگىسى بار ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بىلەن كىرىم- چىقىم مەشغۇلاتى قىلالايدىغان ۋەزىيەتنى ياراتتى. ئۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان 16 خىل پۇل (جۇڭگو يۈەنى ئۇنىڭ سىرتىدا) قىممىتىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىۋاستە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا ۋە باشقىلارغا ئوخشىمىغان پۇللارنى راۋان يوللاشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكا دوللىرىنى ياۋروپادىكى بىر دوستىڭىزغا ياۋرۇ ھالەتتە ئەۋەتەلەيسىز.
    paypal جۇڭگوغا نىسبەتەن مەخسۇس تۈر بېكىتكەن بولۇپ ئۇ «جۇڭگو پايپال»، خەنزۇچە 贝宝 دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ پەقەت جۇڭگوغىلا قارىتىلغان تۈر بولۇپ پەقەت ۋە پەقەت خەلق پۇلىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. پۈتۈن كىرىم- چىقىم مۇلازىمىتى ھەقسىز بولىدۇ. بۇ خەلقئارالىق پايپال بىلەن بولغان ماھىيەتلىك پەرق ھىسابلىنىدۇ.
    تۆۋەندە مەن خەلقئارالىق paypal غا تىزىملىتىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك جايلارغا جۇڭگو پايپال ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى قىستۇرۇپ قويىمەن:
    1- ئالدى بىلەن
    https://www.paypal.com/ غا كىرىڭ. (جۇڭگو پايپالغا تىزىملىتىش ئۈچۈن https://www.paypal.com/cn غا كىرىڭ)



    ئەگەر ئىنگلىزچە چىقىپ قالسا ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىل ئالماشتۇرۇش تۈرىدىن خەنزۇ تىلىنى تاللاڭ (جۇڭگو پايپالدا بۇ تۈر چىقمايدۇ).
    2- ئاندىن تىزىملىتىش كونۇپكىسىنى بېسىڭ. خەنزۇچە مۇنداق كۆرۈنىدۇ:



    ئىنگلىزچە مۇنداق كۆرۈنىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكىنى توغرا تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ:



    3- مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىنگلىزچە، بولمىغاندا پىنيىنچە تولدۇرۇڭ (جۇڭگو پايپالدا ھەممىنى چوقۇم خەنزۇچە تولدۇرىسىز). ئىسىم كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، باشقا ئۇچۇرلارمۇ ئامالنىڭ بارىچە راست بولسۇن. كېلىشىمنامىگە قوشۇلۇش بەلگىسىنى قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئاخىرىدا «تىزىملىتىش»نى بېسىڭ.


    4- بانكا ھىسابات ئۇچۇرلىرى بېتىگە كەلگەندە دىققەت قىلىڭ: ئەگەر سىز خالىغان بانكىنىڭ چەتئەل پۇلى بىر تەرەپ قىلالايدىغان (خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان) ئىقتىدارى بار كارتا كەسپىنى بېجىرگەن بولسىڭىز، شۇ كارتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ھەقىقىي تولدۇرۇڭ. بولمىسا ھىچقانداق نەرسە تولدۇرماي «ئەتكەس»نى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىڭ.


    (خەنزۇچە پايپالدا بانكا تۈرى، ئورۇن، كارتا نومۇرى دېگەندەكلەرنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئادەتتە بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزا ئېگىلىك بانكىسى، سودا- سانائەت بانكىسى... قاتارلىقلارنىڭ كارتىلىرى بولسا بولىۋېرىدۇ)
    5- بىخەتەرلىك ئۈچۈن paypal سىزگە ئېلخەت ئەۋەتىپ، ئېلخەت ئادرېسىنىڭ توغرا بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


    سىز داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىپ ھىساباتىڭىزغا بىۋاستە كىرسىڭىز بولىدۇ. ياكى شۇ بەتنى تاقىۋېتىپ ئېلخەت ساندۇقىغا قارىسڭىز paypal دىن كەلگەن خەتنى كۆرەلەيسىز. خەتتىكى ئۇلانمىنى بېسىپ ھىساباتىڭىزغا كىرسىڭىز بولىدۇ. كېيىنكىسى ياخشى ئۇسۇل.


    ئەگەر بىۋاستە كىرگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرسىتىپ سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ.


    چوقۇم ئېلخەتتىكى ئۇلانمىنى بېسىپ ھىساباتىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ھىسابات ئىسمى دەل سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولىدۇ.


    6- باشقىلارغا پۇل ئەۋەتىش (چىقىم قىلىش). بىرىنچى رەسىمدىكى «چىقىم» (پۇل تۆلەش) كونۇپكىسىنى بېسىڭ. پۇل تۆلىمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ھىسابات ئىسمى، پۇل قىممىتى، پۇل تۈرى، مۇلازىمەت تۈرى قاتارلىقلارنى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ.


    چىقىم قىلىش كونۇپكىسىنى بېسشتىن بۇرۇن ئۇچۇرلارنىڭ توغرا- خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرىۋالىغىلى بولمايدۇ.


    7- باشقىلاردىن پۇل قوبۇل قىلىش (كىرىم). بۇ سودىغا يۈزلەنگەن ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى بولغاچقا باشقىلاردىن بىۋاستە پۇل تۆلەشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. بىرىنچى رەسىمدىكى «كىرىم» كونۇپكىسىنى بېسىڭ. پۇل تۆلەشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ھىسابات ئىسمى، پۇل قىممىتى، پۇل تۈرى، مۇلازىمەت تۈرى قاتارلىقلارنى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ.


    ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن «كىرىم» كونۇپكسىنى بېسىڭ.


    يۇقارقىلار بىز ئىشلىتەلەيدىغان ئاساسىي ئىقتىدارلار. قالغان جايلارنى كۆپچىلىك تولۇقلىسا ياكى سورىسا بولىدۇ. بەزى ئاتالغۇلارنى جايىدا ئىشلىتەلمىگەن بولسام ئەپۇ قىلغايسىلەر.

    مەنبە : بىلىك تورى

    分享到:

    评论

  • ھازىر بۇ بىكەت تىمىدىكى رەسىمدەك ئېچىلمايدىكەن تىمىنى باشقىدىن تەھرىرلەش كېرەك ئوخشايدۇ
  • 507099125 چ چ رىم
  • 507099125 مۇشۇ مىنىڭ چ چ رىم قاچىلىۋالغان بولسىڭىز .
  • مەن پايپال غا تىزىملىتاي دىگەن بىراق سىز بلوگڭىزدا كۇر سەتكىنىڭىز بۇيىچە ئاچسام باشقىچە چىقتىغۇ ئوخشاشلىق يوق مىنىڭ چ چ رىمنى قاچىلىۋالغان بول سىڭىز ئازراق يار دىمىڭىز تىگىپ قالار دى
    Xadlik回复alamdar说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟!! بىر يىل بوپتۇ ، سىز تېخىچە Paypal غا تىزىملىتىپ بولالماي ئاۋارىمۇ ؟! [defFace:10] ( چاخچاق-ھە ! )
    مەزكۈر تىما يوللانغىلى يەنە 2 كۈندىن كېيىن دەل بىر يىل بولىدۇ ، بەلكىم Paypal نىڭ تىزىملىتىش ۋە باش بەت لىرىدە مەلۈم بىر ئۆزگىرىشلەر بولغاندۇ ، شۇ سەۋەبلىك سىز بۇ تىمىدىن پايدىلىنالماپسىز ... QQ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز ، مەن سىزگە ياردەم قىلاي ... مۇشۇ ھەپتىدە شىمالغا بارىدىغان ئىش بار ئىدى، شۇڭا بىرەر ھەپتە تورغا چىقالماسلىقىم مۇمكىن ... ئەگەر بەك ئالدىراپ كەتمىسڭىزلا ، تىزىملىتىشىڭىزغا ياردەم قىلىمەن .
    2010-06-09 00:18:23
  • مەن پايپال غا تىزىملىتاي دىگەن بىراق سىز بلوگڭىزدا كۇر سەتكىنىڭىز بۇيىچە ئاچسام باشقىچە چىقتىغۇ ئوخشاشلىق يوق مىنىڭ چ چ رىمنى قاچىلىۋالغان بول سىڭىز ئازراق يار دىمىڭىز تىگىپ قالار دى
  • مەن بلوگنى خاس رەسساملىق بىلەن كۈندىلىك خاتىرە بىرلەشكەن قىلىپ ئۆزگەرتەي دىگەن،ئاشۇ ئۇسلۇبلاردىن ماڭا ماس كىلىدىغىندىن بىرنى ئۆزگەرتىپ بىرەمسىز؟
    Xadlik回复سەھرا说:
    ئەسلى ئۇ بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى ئوخشىتىپ ياسىساق بولمايتى ، بەزى بلوگلارنىڭ ئۇسلۇب ھوقوقى بار ، شۇڭا ئوخشىتىپ ياسىاپ ئىشلەتسەك بولمايدۇ . بىراق ئۇسلۇب كۆرۈنمە ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش قىلماي ، ئاساسلىق قۇرۇلمىسىنىلا ئوخشاش قىلىپ ، قالغان رەسىملەرنى لايىھەلەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . سىزگە قايسى خىل ئۇسلۇب يارىدى ، 20 ئۇسلۇبنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تاللاڭ ...
    كەچۈرۈڭ ، بۇنىڭدىن كېيىن سورىماقچى بولغان سۇئالىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا كىرىپ قالدۇرغايسىز .
    2010-06-04 02:02:48
  • [avatar:30]مەن پايپال ئالرىتپاي ئالىپايلارغا بىر خەت ساندۇقۇدا تىزىملاتتىم بۇنداقتا قانداق بۇلىدۇ ؟ 3 چىگە شۇ خەتساندۇقنى يىزىپ قويساملا بۇلامدۇ ؟
  • [avatar:30]ئاشۇ خەتساندۇق ئادرىسىنى تولدۇرۇپ قويساقلا كىيىن پۇلئەۋەتىدىغان ئىش بولسا پايپال ھىساۋاتىمىزغا پۇل ئۇدۇل كىلەمدۇ ؟
    Xadlik回复alamdar说:
    شۇنداق ، پۇل ئۇدۇللا شۇ تولدۇرغان پايپال ھېساۋاتىغا كېلىدۇ
    2009-07-03 23:36:18
  • [avatar:30][avatar:30]مەن تىزىملاتقان ئىدىم بىراق ھىساۋات ئادرىسىمنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم غۇ ؟ يەنى ئىلان توربەتلىرىگە تىزىملىتىدىغان ئادرىسنىچۇ ؟
    Xadlik回复alamdar说:
    Paypal غا تىزىملاتقان چاغدا تولدۇرغان خەت ساندۇق ئادرىسىڭىز ، دەل سىزنىڭ Paypal ھېساۋات ئادرىسىڭىز بولىدۇ . Paypal ھىساۋات باشقۇرۇشقا كىرمەكچى بولسىڭىزمۇ ئاشۇ خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزنى تولدۇرۇپ ئاندىن مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ كىرىسىز . يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇڭ .
    2009-06-28 13:18:32
  • [avatar:30]ياخشىمۇ سىز . ئۇلۇنىشنى چىكىپ تىزىملىتىشنى باسساق 3 دانە باسقۇچ چىقىۋالىدىكەن قايسىسىنى بىسىپ تىزىملىتىمىز ؟

    يەنە مەن بلوگىمغا ئىلان قويغان چىكىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ مەن ھەركۇنى كىرىپلام ئۇزۇمنىڭ ئاندىن سىزنىڭكىنى چىكىپ قۇيۇۋاتىمەن [defFace:0] ok ma
    Xadlik回复alamdar说:
    قايسى 3 باسقۇچنى دەيسىز ؟! ئىنىقراق دىسىڭىز ... مىنىڭ Bidvertiser دىكى ئېلانىم توختاپ كەتتى ... كىرىمىم 23$ دوللاردىن ئاشقانتى ، نىمە سەۋەبتىن توختاپ كەتتىكىن ، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ياكى ئۇلار پۇلنى بەرگۈسى كەلمىدىمۇ ؟!! ئىشقىلىپ سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ ، كىرىمىڭىز 10$ دوللاردىن ئاشقاندىلا ھەرگىز ئېلان قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلماڭ .، پۇلنى تىزراق ئىلىۋىلىش كويىدا بولۇڭ .. بولمىسا خەتەرلىككەن ، ئېلانىم توختاپ كەتكەندىكىن مىنىڭمۇ 2~3 كۈنگىچە ئىچىم ئىچىشتى ... ئامال يوقكەن ، ۋاز كەچتىم . بلوگىمغا تۇنجى قىتىم ئالىماما ئىلتىماس قىلغاندا تىزلا تەستىقلىغان ئىدى ، ئالىماما دىكى كىرىمىممۇ 50يۇەندىن ئاشقاندا توختاپ كەتتى .. زادى مىنىڭ بلوگىمغا ئېلان ياراشمايدىغان ئوخشايدۇ . مەنمۇ بلوگىڭىزغا كىرسەملا ئېلان چىكىپ قويىمەن ، مىنىڭ بلوگىمدا سىز چىكىدىغان ئېلانمۇ يوق بولغاندىكىن ، كىرىپ تىمىلارنى كۆرگەچ ئىنكاس قالدۇرۇپ ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ تۇرايلى . [defFace:0]
    2009-06-28 13:27:31
  • [avatar:30]مىنىڭ بلوگۇم مۇنۇ بلوە ئۇلىنىشسا ھىچ كۈرۈنمەيدىغۇ؟
    Xadlik回复دىلكەش 613说:
    بلوگنىڭ باش بېتىدىن شادلىق بلوگ ئۇلىنىشلىرى دېگەن يەردىن " بارلىق ئۇلىنىشنى كۆرۈش " نى باسسىڭىز ، سىزنىڭ بلوگىڭىزمۇ كۆرىنىدۇ .
    2009-06-22 22:29:38
  • [avatar:30]چەتئەل توربەتلىرىنىڭ پۇلىنى ئىلىش ئۈچۈن https://www.paypal.com تىزىملاتساق بولغۇدەك شۇنداقمۇ؟
    Xadlik回复 بارخان 说:
    شۇنداق ، چەت ئەلدىكى دوسلىرىڭىزغا ياكى چەئەلدىكى دوستلىرىڭىز سىزگە پۇل ئىۋەتمەكچى بولسا Paypal ئەڭ ياخشى ، بىخەتەر ، قۇلايلىق ياردەمچى بولالايدۇ.
    2009-06-17 16:21:47
  • [avatar:30]ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! شادلىق ئەپەندى! ئېلانلارنى چىكىۋەتتىم! ھە راس ئاۋۇ مىنىڭ ئېلانلىرىمنىڭ ئۈنۈمى قانداقراق بۇلىۋاتىدۇ؟ بىر كۈرۈپ بقسام بولاتتى! مومكىن بولسا كۈنلۈك چىكىلىش ئەھۋالىنى ماڭا يوللاپ قويسىڭىز! ئېلخەت :
    331496482@qq.com
    Xadlik回复دىلكەش 613说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تۈنۈگۈن قارىسام سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ كىرىمى 0.45$ دوللار كىرىم بوپتۇ ، مەن كىلەرھەپتە ئىمتىھان بىرىمەن شۇڭا يىقىندىن بىرى سەل ئالدىراش بولىۋاتىمەن ، تورغا چىققۇدەك ۋاقىتمۇ يوق ... شۇڭا بلوگىڭىزنىڭ كىرىمنى 1ھەپتىدە بىر سىزگە يوللاپ تۇراي ، تورغا چىقساملا سىزگە خەۋەر قىلىپ تۇرىمەن . خاتىرجەم بولۇپ بلوگىڭىزنى يىزىۋېرىڭ ... مەن ئۇنداق ئالدامچى ئەمەس جۇمۇ ؟! ....
    2009-06-13 12:30:03
  • [avatar:30]رەھمەت سىزگە ، ناھايتى ياخشى بىلىملەركەن ، مەن مۇشۇ پايپالدىن پۇلنى كارتىغا يۆتكەشنى بىلەلمەيۋاتقانتىم ، گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان ، مۇشۇ ئىشتا ياردەم قىلسىڭىز؟
    ئېلانلارنى چېكىپ قويدۇم .
    Xadlik回复yakxanba说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەرزىمەيدۇ . ئېلانلارنى چىكىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت ! داۋاملىق چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن [defFace:10] ! سىز مىنى QQ رىڭىزغا قوشىۋىلىڭ ، مەن سىزگە QQ دىلا ئۆگىتىپ قوياي . مىنىڭ QQ نۇمىرىم : 860304222
    2009-06-11 21:52:45
Powered by BlogBus
Xadlik Blog 2008-2010 ©
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق