. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ !

  • 2009-05-27

    يامان بولىدۇ ، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ! - [دانالار سۆزى]

     تۆۋەندىكى 80 تۈرلۈك نەسىھەتنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتسىڭىز سىزنىڭ تىنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولىدۇ . بۇنداق دىسەم ھەرگىز قۇرۇق گەپمىكىن دەپ قالماڭ ، ھەر بىر جۈملىنىڭ ئاساسى بار ، ھېچ بولمىغاندا ئۈچنى ئىسىڭىزدە تۇتىۋالسىڭىزمۇ سىزگە پايدىسى بولىدۇ . ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئۈچ ھەپتە سىناپ بىقىڭ ، بەلكىم سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا زور بۇرۇلۇش بولىشىمۇ مۇمكىن .

    1.«سەھەر تۇرمىسڭىىز يامان بولىدۇ»
    2.« ناشتا قىلماي سىرتقا چىقماڭ، يامان بولىدۇ»
    3.« كېچىدە ئۆيدە يۇندا – ئەخلەتلەرنى ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ»
    4. «ئۆيگە مىھمان كەلگەندە مۈشۈكنى ‹پەش›، توخۇنى ‹تاخ› دىمەڭ، يامان بولىدۇ»
    5. «مىھمانغا دەز كەتكەن چىنىدە تاماق (چاي) سۇنماڭ، يامان بولىدۇ»
    6. «چاچىنى قۇرۇق تارىماڭ، يامان بولىدۇ»
    7.« چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەڭ ، يامان بولىدۇ»
    8. « چوڭلار بىلەن تاكاللاشماڭ، يامان بولىدۇ»
    9. « سەھەر تۇرۇپ ئۆي سۈپۈرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
    10. « چوڭلاردىن بۇرۇن داستىخانغا قول ئۇزاتماڭ، يامان بولىدۇ»
    11.« غەيۋەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    12.« كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
    13. « كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەڭ، يامان بولىدۇ»
    14. « قوشنىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
    15. « تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ»
    16.« يالغان سۆزلىمەڭ، يامان بولىدۇ»
    17.« كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
    18.« ئۇياتلىق يەرلىرىڭىزنى ئېچىلىپ قالىدىغان كىيملەرنى كىيمەڭ، يامان بولىدۇ»
    19.« تاماق ۋاقتىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
    20.« باشقىلارنى قارتىپ قويۇپ كۇسۇرلاشماڭ، يامان بولىدۇ»
    21.« چوڭلاردىن تۆر تالاشماڭ، يامان بولدۇ»
    22.« ئوت ئوينىماڭ، يامان بولىدۇ»
    23.« يولدا توغرا تۇرىۋالماڭ، يامان بولىدۇ»
    24.« تاماق يەۋىتىپ گەپ قىلماڭ ، يامان بولدۇ»
    25.« ئادەم بار يەردە تۈكۈرمەڭ، يامان بولدۇ»
    26.« تاماق يەۋىتىپ بۇرنىڭىزنى تارتىماڭ، يامان بولىدۇ»
    27.« باشقىلارنىڭ گىپىگە قوشۇق سالماڭ ، يامان بولىدۇ»
    28.« جامائەت سورۇنىدا بۇرنىڭىزنى كوچىلىماڭ ، يامان بولىدۇ»
    29.« ھاجەتخانىدىن چىقىپ قولىڭىزنى يۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
    30.« قولىڭىزنى يۇماي تاماق يىمەڭ، يامان بولىدۇ»
    31.« ئاتا- ئانىڭىزغا ئالىيىپ قارىماڭ، يامان بولىدۇ»
    32.« ئۆلۈم پەتىسىگە رەڭلىك كىيم كىيىپ بارماڭ، يامان بولىدۇ»
    33.« ھازىردارلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەڭ، يامان بولىدۇ»
    34.« ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تاشلىماڭ، يامان بولىدۇ»
    35.« ئۆتنە ئالغان نەرسىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
    36.« باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىماڭ، يامان بولىدۇ»
    37.« سوخەنچىلىك قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    38.« ئاغىنىڭىزنىڭ خوتۇنىغا قارا سانىماڭ، يامان بولىدۇ»
    39.« قېيىنئانىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    40.« ھەسەتخورلۇق قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    41.« ئەر- خوتۇن جامائەت ئالدىدا سوقۇشسا، يامان بولىدۇ»
    42.« بايلىق ياكى ئەمىلىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    43.« ھارام مال- دۇنياغا ئىگە بولۇشنى ئويلىماڭ، يامان بولىدۇ»
    44.« ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ»
    45.« باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئېلىك ئالمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
    46.« ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
    47.« مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
    48.« باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ»
    49.« مېھماننى ئۇزاتقاندا ئىشىكنى قاتتىق ياپماڭ، يامان بولىدۇ»
    50.« تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ يىمەڭ،يامان بولىدۇ»
    51.« نان ئۇۋىقىغا دەسسمەڭ، يامان بولىدۇ»
    52.« يىمەك- ئىچمەكنى ئىسراپ قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    53.« گۈل- گىياھلارنى قالايمىقان ئۈزمەڭ، يامان بولىدۇ»
    54.« چوڭلاردىن يول تالاشماڭ، يامان بولىدۇ»
    55.« باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىسىڭز، يامان بولىدۇ»
    56.« ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماڭ، يامان بولىدۇ»
    57.« بىر گەپنى تەكرار دەۋەرمەڭ ، يامان بولىدۇ»
    58.« ئاتا- ئانىڭىز ۋە يۇرتىڭىزدىن نۇمۇس قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    59.« ياخشىلىق قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    60.« بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ، يامان بولىدۇ»
    61.« باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كوچىلىماڭ، يامان بولىدۇ»
    62.« چاقىرمىغان يەرگە بارماڭ، يامان بولىدۇ»
    63.« چاقىرغان يەردىن قالماڭ، يامان بولىدۇ»
    64.« ئۇچرىمىغانغا سالام قىلماڭ ، يامان بولىدۇ»
    65.« سورىمىغانغا جاۋاپ بەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
    66.« ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتماڭ، يامان بولىدۇ»
    67.« ئاتا- ئانىڭىزنىڭ نەسھىتىنى ئۇنۇتماڭ يامان بولىدۇ»
    68.« ئەل كۆزىچە گىرىم قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    69.« ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەڭ، يامان بولىدۇ»
    70.« باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بىسوراق تۇتماڭ، يامان بولىدۇ»
    71.« ھەممىلا يەردە قىزىقچىلىق قىلىۋەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
    72.« ئېرىڭىزنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ»
    73.« خوتۇنىڭىزنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ»
    74.« ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ، يامان بولىدۇ»
    75.« ئاجىزلارنى بوزەك قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    76.« چېقىمچىلىق قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    77.« باشقىلارغا ئورا كولىماڭ، يامان بولىدۇ»
    78.« باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويماڭ، يامان بولىدۇ»
    79.« باشقىلارنى جامائەت ئالدىدا خىجالەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
    80.« گەپ توشىماڭ، يامان بولىدۇ»

    مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2009-يىللىق 3-ئاپرېل سانىدىن ئېلىندى ،ئاپتورى : بىلىقىز سۇلايمان

    分享到:

    评论

  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . تور بەتلەر ناھايىتى پەيزى بوپتۇ . مومكىن بولسا ماڭىمۇ بۇ ھەقتە تەلىم بڭرڭپ تۇراسىز . مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ. رەھمەت .
    Xadlik回复ھۆرگۈل 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزنىڭ بلوگ سىپىغا قوشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! بلوگ ياساش ۋە ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرۈش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ئىنكاس ئارقىلىق قالدۈرۈڭ ، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن ! ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى قوللايلى ، شادلىق بلوگ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغايسىز . خاپا بولماي ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىنكاسنى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا يوللىغايسىز . رەھمەت !
    2010-06-04 02:22:13
  • [avatar:30]بۇ ھەربىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان "يامان بولىدۇ"دىگەن ئىش كىشىلەرگە بېرىلگەن تەربىيە ئىكەن مەيلى سىز بۇنداق "يامان بولىدۇ"لارنى دىننىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىڭ، ئەخلاق نۇقتىسىدىن ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ، ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىڭ ھەممىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
    Xadlik回复dunyakara说:
    مەنمۇ مۇشۇ "يامان بولىدۇ " غا ھەيرانمەن ، كىچىكلەر خاتا ئىش قىلىپ قويسىمۇ ، چوڭلار " يامان بولىدۇ " دىيىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن دىن ئارقىلىق قورقىتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ گىپىنى شەرتسىز ئاڭلىتىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئەخلاق-تەربىيەسى ئىشلەيدۇ ، بۇ سۆز چوڭلارغا دەستەك بولۇپ بىرىدۇ . بالىلارمۇ " يامان بولىدۇ " دېگەن سۆزنى ئاڭلىسىلا شۇ جايىدا توختايدۇ .
    2009-05-30 00:08:01
Powered by BlogBus
Xadlik Blog 2008-2010 ©
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق