. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ! |
-
2009-05-01
« 1- ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى» نى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ! - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]
ئەسسالام ! بارلىق قېرىنداشلار ، تورداشلار ، بلوگىرداشلىرىم ... بىز بۇ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا قانداقمۇ بىر-بىرىمىزگە سوۋغات سوۋغا قىلالايمىز ؟!! بىزنىڭ پەقەت قولىمىزدىن كېلىدىغىنى ، بۇ مەۋھۇم دۇنيادىن پايدىلىنىپ بىر-بىرىمىزگە كۆڭۇلىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز ، خالاس . كۆڭۇل كۆڭۇلدىن سۇ ئىچەر . بۇ بولسا تورداشلارغا سۇنغان ئىنتايىن ئاددىي ۋە ئەرزىمەس ، لېكىن ماڭا نىسبەتەن قىممەتلىك سوۋغامدۇر . بۇنى سىلەرنىڭ ھوزۇرىڭلارغا بايراملىق سۈپىتىدە سۇندۇم.
دۇنيا ئەمەگەك بىلەن يارالغان، كىمكى ئەمگەكنى سۆيسە ئۆمۈرلىك قۇت- ئامەتكە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا ئەمگەكنى سۆيگەنلىك، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى سۆيگەنلىك، ئانا ۋەتەن-يۇرتنى سۆيگەنلىك. ئەمگەك ئاساھىشلىق بۇلىقى، پەرھاتمۇ ئەمگەك بىلەن تاغ باغرىدىن سۇ باشلاپ كېلىپ، جان پىدالىق بىلەن سۆيگىنى شېرىنغا بولغان ھەقىقىي مۇھابىتىنى نامايەن قىلغان. دېمەك ھالال ئەمگەك شەرىپى، ھەقىقىي ئادىمىيلىكنىڭ شەرىپى. رىقابەت بەيگىسىدە ئۇتۇپ چىقىشنىڭ تۈپ ئاساسىي ئەمگەكتۇر؟!
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرىڭلارغا بەركەت تىللەيمەن !
评论
http://filer.blogbus.com/5787129/57871291271384065s.gif
بىر-بىرىمىزنى يوقلاپ تۇرايلى . مەن ماڭدىم ئەمسە...