. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ! |
-
2009-04-24
ماقال-تەمسىل ئويۇنى ئوينايلى ، كېلىڭلار ! - [كىم ئەڭ ئەقىللىق ؟]
نەچچە كۈندىن بىرى ئۆگىنىش بىلەن بولۇپ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ، مانا بۈگۈن تازا بىر تورغا چىقىۋالدىم ، بلوگنىڭ ئۇيە-بۇيەلىرىنى ئۆزگەرتىپ يازما يوللاپ چارچاپ قاپتىمەن ، شۇڭا مۇنۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، كىلىڭلار بىرلىكتە ئويۇن ئوينايلى ، سىلەرمۇ بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭلار ، ئا ھەرىپى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى ئېيتىشايلى ، مەن ھازىرچە 10 نى دەپ تۇراي ، قىنى سىلەرمۇ دەڭلار ... قايسىڭلار كۆپ بىلىسىلەر ، بىلگەنلەر يوللاڭلار ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن ، بىلگىنىڭىزنى يوللاڭ !
1. ئاتمىشقا كىرگەن ئاتىدىن ئەقىل سورىما.
2. ئات ئالساڭ يېقىندىن،خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
3. ئات مىنگەندە ، پىيادە ماڭغىنىڭنى ئۇنۇتما.
4، ئادەم قىممىتى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ قىممىتى تۇز بىلەن.
5. ئادەمنىڭ ساددىسىدىن ئىشەكنىڭ مادىسى ياخشى.
6. ئادەمنى نۇمۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قۇمۇش.
7. ئاددى- ساددا ئالقىش ئالار، ھالى يوغان قارغىش ئالار.
8. ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا، ئاز يەپ كۆپ چاينا.
9. ئاشىقنىڭ ئاشنىسى بولماس.
10. ئالتۇن ئۆيۈڭ بولغۇچە تېنچ كۆڭلۈڭ بولسۇن.
评论
سۇكىتىدۇ،تاشقالىدۇ
ئوسماكىتىدۇ،قاشقالىدۇ
كىيىم ئايىغان تون كىيەر ،ئات ئايىغان تۇلپار مىنەر[defFace:0]
<< سۇكىتىدۇ تاشقالىدۇ ، ئوسماكىتىدۇ قاشقالىدۇ >> بۇ چوڭقۇر مەنىلىك ماقال-تەمسىلكەن ، ھەم مەن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .... رەھمەت ! [defFace:0]
1. ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي.
2. ئالدىرىغان يولدا قالار.
3. ئالدىرىغان نەدە، ئالدىرىمىغاننىڭ كەينىدە.
ئالدىرماڭ ئاستا كىلەر،تىڭىرقىماڭ تاڭمۇ كىلەر
ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .[defFace:2]
1. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى -رويۇڭ سامان بولماس.
2.ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق.
3. ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلىدۇ.
4. ئاتالمىسا ئوقىدىن، چىچالىمىسا پوقىدىن.
[defFace:10]
ئاناڭ ئۆگەي بولسا تويۇڭ بۇزۇلار؛
ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز،
تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ، يىقىلسا ئۆلەرسىز.
ئالغۇچە ياپىر،
بەرگۈچە كاپىر.
ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
ئارىسالدى ئىشەكنى بۆرە يەپتۇ.
مۇشۇنچىلىك بولسۇن ئەمىسە.
ئالتۇن ئالسام جا چىقتى، قارچىغا ئالسام سا چىقتى.
...
مەن مۇشۇنچىلىك تاپالىدىم، قالغىنىنى سىلەر تېپىپ بېقىڭلار....
ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس.
ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى.
ئات تاپقىچە ئىشەك مىن.
ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ.
[defFace:10]
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎ , ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﺎﻕ .
ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﯜﭼﻪ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ.
مەن مۇشنى بىلىدىكەنمەن قىنى سىلەرمۇ دەپ بىقىڭلار دوسلا ![defFace:0]