-
ئۆزبېكچە << ئەۋلىيا دوستۇم >> (ئەسلى ئۇيغۇرچە) - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]
2009-04-19
<< ئەۋلىيا دوستۇم >> ناملىق ناخشا ئەسلى ئۇيغۇرچە ناخشا بولۇپ ، ئۆمەرجان ئالىم ئاكىمىز ئورۇنلىغان . دېمىسەممۇ بۇ ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلار كۆپقۇ دەيمەن ، بۇ ناخشىنى ئۆزبېكىستان خەلىق ئارتىسى ئەزىزبېك نېگمەتوۋ ئۆزبېكچە قىلىپ ئوقۇپتۇ ، ئۆزبېكچىسى شوخ كۈي بىلەن تېخىمۇ پىچەت قىلىپ ئورۇنلىنىپتۇ . ئەزىزبېك نېگمەتوۋ ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا << ئۆمۈر >> ( كېيىن بۇ ناخشىنى تاشمۇھەممەت باتۇر ئۇيغۇرچە قىلىپ ئوقۇغان )دېگەن ناخشىسى بىلەن باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان . بۇ ئەسلى ئۆزىمىزنىڭ ناخشىسى بولغاندىكىن نىمىشقا مانا مۇشۇنداق مىللىي سازلارنى تاج قىلغان ئاساستا ھازىرقى زامانىۋىي سازلارنىمۇ قوشۇپ تېخىمۇ ۋايىگە يەتكۈزۈپ ئوقۇمايدۇ ؟!! بۇ ناخشا چىققىلى 10 يىل بولدىغۇ دەيمەن ، ھازىر يەنە يىڭىلاپ ئوقۇسا يەنىلا يىڭىلىق بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟!! قىنى ئەمسە ئاڭلاپ باھا بىرىپ بېقىڭلار .
ئەزىزبېك نېگمەتوۋ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كىشى شۇ .تۆۋەندىكىسى ئەزىزبېك نېگمەتوۋ ئورۇنلىغان << ئەۋلىيا دوستۇم >> ناملىق ناخشا .
ئۆمەرجان ئالىم ئورۇنلىغان ئەسلى << ئەۋلىيا دوستۇم >> . قويۇش كونۇپكىسىنى بىسىپ كۆرۈڭ.
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论
ئۇيغۇرچە << ئەۋلىيا دوستۇم >> نىڭ ئادرىسى : http://p.you.video.sina.com.cn/player/outer_player.swf?auto=1&vid=16220078&uid=1539251875
ئەمدى، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆمەرجان << ئوغرى >> بولۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ ...