• ئولتۇرغاندىكى قىياپىتىگە قاراپ پسىخىك ھالىتىنى چۈشىنىش - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]

    2009-03-24

    باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە قولىنى يوتىسىغا قويۇۋالىدىغان كىشىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ بىر خىل تەبىئىيلىككە تەۋە ھالەت. ئامما ئىككى قولىنى قولاشتۇرالمايۋاتقان ياكى قويغىلى يەر تاپالمايۋاتقاندەك كۆرۈنگەن ئەرلەردە تۈرلۈك پسىخىك ئامىللار بولىدۇ. 
    ئىككى قولىنىڭ ئالقىنى تۆۋەنگە قىلىپ تىزىغا قويۇپ ئولتۇرغان ئەر سىزگە ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ناۋادا سىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئەر مۇشۇنداق ئولتۇرسا، سىز ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشسىڭىز، ئۇنى تەبىئىيرەك ئولتۇرۇشقا، قورۇنماسلىققا دەۋەت قىلىشىڭىز لازىم. 
    ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى يۇقىرىغا قىلىپ تىزىغا قويۇپ ئولتۇرغان ئەر چوڭقۇر خىيال سۈرىۋاتقان، گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان ياكى دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا سىز ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپمۇ، خۇشامەت قىلىپمۇ ياكى گېپىڭىزنىڭ تېمىسنى يۆتكەپمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە جەلىپ قىلالمايسىز. بۇنداق ئەرنىڭ پسىخىك ھالىتى نورماللاشقۇچە تىنىچلىق، جىمجىتلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. 
    ئىككى قولىنىڭ بارماق ئۇچىنى تىزىغا تىرەپ ئولتۇرغان ئەر سىزگە نىسبەتەن مەنسىتمەسلىك پسىخىكىسىنى ئالغان بولىدۇ. ئۇ بۇ خىل ھالەتنى كۈچلۈك نامايەن قىلغاندا، بۇ ئۇنىڭ بىزار بولۇش، غەزەپلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. دىققەت قىلىشىڭىز زۆرۈر.





  • كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !