-
يەھۇدىيلار - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]
2009-02-27
يەھۇديلار دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئالاھىدە مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا <ئېبرېيلار>، <ھېبرېلار>، <يېۋرېيلار>، <جەۋۇتلار> ۋە <ئىسرائىللار> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
كىشلەر يەھۇدىيلارنى ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان رايونىغا قاراپ ياۋروپا - ئامېرىكا يەھۇدىيلىرى (تەخمىنەن 8 مىليون 470 مىڭ)، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى (تەخمىنەن 3 مىليون 400 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يەھۇدىيلىرى (تەخمىنەن 2 مىليون 600 مىڭ)، ئاسىيا ئەرەب رايونى ۋە ئافرىقا يەھۇدىيلىرى (تەخمىنەن 380 مىڭ) دەپ تۆت چوڭ تارماققا ئايرىيدۇ.ئومۇمىي نوپۇسى 15 مىليوندىن كۆپرەك.يەھۇدىيلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ھېبرېي تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ؛ بىراق ھازىر يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ئەللەردىكى تۈرلۈك تىللار سىستېمىسىغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدۇ.
يەھۇدىيلار ئاساسەن يەھۇدىي دىنىغا (ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ 83 پىرسەنتى) ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دىن ۋە دىنىي قانۇنلىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماسىتىن، بەلكى كېيىنكى خرستىئان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى (ئاساسەن ياۋروپا - ئامېرىكا يەھۇدىيلىرى) سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى ئىلىم - پەن، مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ساھالىرىدە ئىشلەيدۇ. ھازىرقى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرىدىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى داڭلىق سودا سانائەتچىلەرنىڭ خېلى قىسمىنى يەھۇدىيلار ئىگىلەيدۇ.
يەھۇدىيلار قەيسەر، ئەمگەكچان، ئۈمىدۋار، سەۋر تاقەتلىك، ئىنتىلىشچان ۋە سودا - سېتىققا ماھىر مىللەت. دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدا يەھۇدىيلار ياكى يەھۇدىي قان سىستېمسىدىن كېلىپ چىققان كۆپلىگەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلار، كەشپىياتچىلار، ئالىملار، ئەدىب - شائىرلار، مۇزىكانت - سەنئەتكارلار قاتارلىق ئەربابلار مەيدانغا كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.
خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ 8.15 پىرسەنتىنى يەھۇدىي ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ.
يەھۇدىيلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي مىراسى بولغان <بېبل > (<تەۋرات> ياكى <ئەھدجەدىدە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، <كونا ئەھد> (زەبۇر) بىلەن <يېڭى ئەھد> دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام ۋە قائىدە - يوسۇن قاتارلىق تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردىكى مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئەنئەنىسىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە.
يەھۇدىيلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزگىچە يىمەك - ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەرندۈرگەن.
يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئۆزىگە ماكان قىلغانلىقتىن، ئادەتتە ئۇلارنىڭ يىمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى بىردەك بولمايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئىچىگە ئاق كۆڭلەك، ئۈستىگە قارا تون ۋە كەمزۇل، بېشىغا كىچىك قارا تەقىيە كېيىدۇ، بۇ خىل كىيىملىك ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ توي - مەرىكىسىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ.
يەھۇدىيلار ئادەتتە ئوغۇل بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلدۇرىدۇ. 13 ياشقا كىرگەندە بالاغەتكە يېتىش كاتتا مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىتى - <ئىنجىل> بولىدۇ.
يەھۇدىيلار مېيتنى دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ.
يەھۇدىيلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇنلىغان ھېيت - ئايەملەرنى ئاپىرىدە قىلغان. بۇ ھېيت - ئايەملەر يەھۇدىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى يەھۇدىي كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (نىسان ئاي) ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىل بايرىمى، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە كۈنلۈك پاسسوۋېر (مول ھوسۇل) بايرىمى، 6 - ئاينىڭ 14 - 15 - كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پوئېر (تەنتەنە) بايرىمى، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان توشۋات بايرىمى، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان بەش دىكا بايرىمى، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان خانوكا (پانۇس) بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
يەھۇدىيلار يەنە ئېرۇسالىم (قۇددۇس) شەھىرىنىڭ غەربىدىكى سېپىلنى <نالە - پەرياد تېمى> ياكى <تۆۋە - ئىستىغپار تېمى> دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار (ئەيسا ئەلەيھسالام) نىڭ قەسىر - بۇدخانىسى مۇشۇ يەردە دەپ قارايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى كۆپ، ئۇلار يەھۇدىي دىنىي قانۇنى - <تەلمۇد> تىكى قائىدە - يوسۇنلارغا قەتئىي رىئايە قىلىدۇ، ئۆزئارا جىدەل - ماجرا يۈز بەرگەندە راببى (پوپ) نىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنىدۇ ۋە راببىنىڭ كېسىمىگە شەرتسىز بويسۇنىدۇ.
يەھۇدىيلار غىزا ۋاقتىدا <ئۇرۇش>، <دىن> ۋە باشقا سىياسىي ئىشلار ئۈستىدە گەپ - سۆز قىلىشنى يامان كۆرىدۇ.
يەھۇدىيلاردا كالا، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار سۈتى ۋە باشقا سۈنئىي ئوزۇقلار بىلەن بوۋاق بالىلارنى بېقىشنى مەنئىي قىلىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بوۋاق بالىلارنى بېقىسشنى مەنئىي قىلىدۇ. يەھۇدىيلار ئادەتتە سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن گۆشلۈك تائاملارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلمايدۇ ھەمدە يىمەكلىكلەرنى پىچاق بىلەن كېسىپ يېيىشنى يامان كۆرىدۇ. ئومۇمەن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ بەرگىنىنى يەپ، ئەۋلادلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇردىغان ئىشلارنى راۋا كۆرمەيدۇ.
يەھۇدىيلار تارىختا ئۆزگىچە يىلنامىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە <ئېبرې كالېندارى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.دۇنيادىكى مىللەتلەر ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论