-
تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ياسالغان كومپيۇتېر - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]
2008-12-03
.تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ياسالغان كومپيۇتېر
ئابدۇۋايىت قاسىم پالەكتىن، كۆممىقوناقتىن پايدىلىنىپمۇ كومپيۇتېر ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق تەبىئىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان كومپيۇتېرلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇلغىنىش پەيدا قىلمايدىغان << كۆممىقوناق>> كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنا گەۋدىسىگە كۆممىقوناق ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىپ ياسالغان بۇنداق ئۆزگىچە كومپيۇتېر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ياپونىيىدىكى FUJITSU شىركىتى بىلەن FUJITSU تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە خاتىرە كومپيۇتېر گەۋدىسىگە ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىدىغان ‹‹بىئولوگىيىلىك پارچىلىنىدىغان يالتىراق›› تېخنىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى. بىئولوگىيىلىك پارچىلىنىدىغان يالتىراق ھەم ئادەتتىكى يالتىراقنىڭكىگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ھەم ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزم تەرىپىدىن سۇ ۋە كاربون (lV ) ئوكسىدىغا پارچىلىنىدۇ. يەنە كېلىپ كۆيدۈرگەندە دىئوزون قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا ئۇ مۇھىت ئاسراش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ياساش سودىگەرلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئورو ماتېرىياللىرى ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەردە پايدىلىنىشقا باشلىدى، ئۇ ھەتتا كومپيۇتېرنىڭ دېتال – بۆلەكچىلىرىنى ئىشلەشتىمۇ قوللىنىلدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى ئورگان تەتقىق قىلىپ چىققان، خاتىرە كومپيۇتېرغا ئىشلىتىلگەن بىئولوگىيىلىك پارچىلىنىدىغان يالتىراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پولىلاكتىك كىسلاتادىن ئىبارەت. پولىلاكتىك كىسلاتا كۆممىقوناق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كراخمالىنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئۇلار بۇنى خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ قېپىغا ئىشلەتكەن. ئىشلىتىلىدىغىنى بىئولوگىيىلىك ماتېرىياللار بولغانلىقتىن، ئادەتتىكى يالتىراق ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشاش، نېفىت قاتارلىق چەكلىك بايلىق مەنبەلىرىنى خورىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.‹‹پالەك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى پلاستىنكىسى›› ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى شتاتىدىكى ئوكرىج دۆلەتلىك تەجرىبىخانىدىكى ئالىملار كومپيۇتېر ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى پلاستىنكىسى ئىشلەشنىڭ بىرخىل يېڭى ئۇسۇلىنى تاپقان. ئۇلار پالەك تەركىبىدىن بىرخىل ئاقسىلنى ئايرىۋالغان، بۇنداق ئاقسىل قۇياش نۇرىنى ئۆسۈملۈكلەر ئېھتىياجلىق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدىكەن. بۇنداق ئايلاندۇرۇش جەريانى بىز ئادەتتە دەيدىغان فوتوسىنتېز جەريانىدىن ئىبارەت. ئۇلار بۇنداق ئاقسىلغا ‹‹فوتوسىنتېز سىستېمىسى — I›› دەپ نام بەرگەن. بۇنداق ئاقسىل قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىپ ھەم يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ سۇ مولېكۇلىسىنى ھىدروگېن، ئوكسىگېن ۋە ئېلېكترونغا پارچىلايدىكەن. ئوكرىجدىكى ئالىملارنى قىزىقتۇرغىنى دەل مۇشۇ ئېلېكترونلاردىن ئىبارەت.بۇ تەتقىقات يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر خىل پەنگە تەۋە بولۇپ، ئۇ بىئوئېلېكترونىكا، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن قانداق پايدىلىنىش جەھەتتە بىر مەيدان ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆزىمىزنىڭ كۆكتاتلىقىدا ئۆستۈرگەن كۆكتاتلاردىن ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىمىز، نېفىت، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىقلارغا بېقىندى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشىمىز مۇمكىن.
شىنجاڭ گېزىتىدىن
<< .دۇنيا ئىقتىسادى<<زىمىستان قىش>> نى كۈتۈۋالدى | باش بەت | ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻫﯧﯟﺯﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺴﻰ >>
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论