-
مىكروسوفىت خىزمەتچىللىرنى قانداق باشقۇردۇ؟ - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]
2008-11-08
مىكروسوفىت خىزمەتچىللىرنى قانداق باشقۇردۇ؟
شۇبھىسىزكى، مىكروسوفت شىركىتى دۇنيادىكى ئەقىللىق كىشىلەر توپلانغان يەر. ئۇنداقتا بېلگەيتىس نېمىگە تايىنىپ بۇ خىزمەتچىلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: «مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خارەكتېرلەشكەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى»، دەرىجىگە ئايرىش كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە كىرىشىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل، بۇ خىل ئوخشاش بولمىغان دەرىجە ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيىۋى يۈزلىنىش مەڭگۈ يوقاتقىلى بولمايدىغان پاسسىپ ئامىل، شۇڭا باشقۇرۇش داۋامىدا ئامالنىڭ بارىچە بۇ خىل مەنبەلىك پەرق پەيدا قىلغان سەلبى تەسىرلەرنى يوقىتىش ئىنتايىن مۇھىم، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش دەل مۇشۇ پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان.
ئوخشاش ئىشخانا:
پەقەت مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولسىلا، ھەممىنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە ئىشخانىسى بىلەن ئايرىمخانىسى بولىدۇ. ھەر بىر ئىشخانا ئۆز-ئارا ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئىشىكى ئايرىم ھەمدە ھەممىسىدە سىرتنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغان دەرىزە بار. ھەممە ئىشخانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئاساسەن ئوخشاش، ھەتتا باش مۇدىر بىل گايتىسنىڭ ئىشخانىسىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن پەرق قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشخانسىغا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇتلەق ئىگىلىك ھۇقۇقى بار. ئۇنى ئۆزى زىننەتلەپ خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ چات كېرىۋېلىش ھۇقۇقى يوق. ئىشخانىنىڭ ئورنىنىمۇ رەھبەرلىك قاتتىققوللۇق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەلكى خىزمەتچى خادىم ئۆزى تاللايدۇ؛ ئەگەر مەلۇم بىر ئىشخانىنى بىر نەچچە ئادەم تەڭلا تاللىغان بولسا، زادى كىمنىڭ بولىدىغانلىقى چەك تارتىش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئەگەر كىمكى تۇنجى قېتىملىق تاللىشىدىن نارازى بولسا، ئۇنىڭ قايتا تاللىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، تاكى ئۇ رازى بولغانغا قەدەر تاللاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. شىركەت ھەر بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىگە بەك ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەر بىر ئىشخانىغا قولۇپ سالغىلى بولىدىغان ئىشىك بېكىتىلىدۇ.
دەرجىگە قاراپ ئايرىلمىلغان ئاپتۇموبىل توختۇتۇش مەيدانى:
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ھەر قانداق ئىشخانا بىناسى ئالدىدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بار، ئەمما بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى دەرىجىگە قاراپ بۆلۈنگەن ئەمەس. مەيلى بېل گەيتىس بولسۇن ياكى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى بولسۇن، كىم بۇرۇن كەلسە شۇ ئەڭ قولاي ئاپتۇموبىل توختىتىش ئورنىنى تاللىۋالسا بولىدۇ. بۇ يەردە ئورنىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئىش يوق. ئەمما ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، بېل گەيتىس ئەزەلدىن پىكاپىنى توختىتىدىغان يەر تاپالماي ئاغرىنىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى ھەر قانداق ئادەمدىن بۇرۇن ئىشقا كېلىپ بولىدۇ.
سائەت يوق ئىشخانا بىناسى مىكروسفت شىركىتىنىڭ باقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىگى:
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ سىئاتېلدىكى ئىشخانا بېناسى ئىنتايىن ئاددىي ئۇسۇلدا سېلىنغان، ئاساسلىق ماتېرىيالى ئەينەك ۋە پولات ماتېريال، ئىشخانا بېناسىنىڭ پولى پۈتۈنلەي گىلەم بىلەن قاپلانغان، ئۆگزىسىدىن ئىنتايىن ئاجىز بىر نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋال شۇكى، بىناسىنىڭ ئىچىدىن بىرمۇ سائەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا تايىنىپ ئىشقا چىقىدۇ ۋە ئىشتىن چۈشىدۇ، قانچىلىك ئېسمىنا قوشۇپ ئىشلەشمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىختىيارىدا، ئادەتتە سىئاتېلنىڭ ھاۋاسى دائىم تۇتۇق تۇرىدۇ، ئەگەر قۇياش چىقىپ، ئەتراپتا سەلكىن شامال پەيدان بولىدىغانلا بولسا، خادىملار ئەركىن-ئازادە سەيلى قىلسا بولىۋېرىدۇ.
ئىشخانا بىناسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىگىز پۇتلۇق ئورۇندۇق بار:
مىكروسوفت شىركىتى خادىملارنى تۈرلۈك ئىچىملىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەندىن سىرت، شىركەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئولتۇرۇپ ئىش قىلغىلى بولىدىغان ئېگىز پۇتلۇق ئورۇندۇقنى قويۇپ قويغان. شىركەتنىڭ خادىملىرى نەدە ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرسە بولىۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش يەنە مىكروسوفت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەر قاچان ئۆزگەرتىلىشكە تەييار تۇرغانلىقىدەك رېئاللىققىمۇ بوي سۇندۇرۇلغان.
مىكروسوفت مانا مۇشۇنداق ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە خاس ئىشلارنى قىلالايدىغان خاراكتېرلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا تايىنىپ، مول ئىجادچانلىق كۈچى بار ئىختىساسلىق خادىملارنى شىركەتكە كېلىشكە جەلپ قىلغان، يەنە ئۆزىگە خاس مەدەنىي مۇھىت يارىتىش ئارقىلىق، بۇ ئىختىساسلىق خادىملار مىكروسوفت شىركىتىدە ئۆز رازىلىقى بىلەن تۇرۇپ قېلىش خاھىشىنى پەيدا قىلغان.
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !