-
خىلمۇ خىل يۇقىرى تېخنىكىلىق گىلەملەر - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]
2008-11-04
دەسسىگەندە نۇر چاچىدىغان گىلەم ئەنگلىيىلىك تەتقىقاتچىلار كېچىدە دەسسىگەندە نۇر چاچىدىغان بىر خىل گىلەمنى كەشىپ قىلغان. بۇنداق گىلەم نۇر چېچىپلا قالماستىن، يەنە نۇر ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئاياغ ئىزىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق گىلەمنىڭ ئىچى ئۇششاق كاتۇشكا بىلەن قاپلانغان، شۇڭا ئادەم گىلەمگە دەسسىگەندە بېسىم ھاسىل بولۇپ، كاتۇشكىدا توك ھاسىل بولىدۇ – دە، گىلەمدىن ئاجىز توك ئېقىمى ئۆتىدۇ، نەتىجىدە دەسسەلگەن جاي يورۇيدۇ. ئۇنىڭ نۇرى ئاجىز بولۇپ، ئۇنى دەسسىگەن ئادەمنىلا يورۇتالايدۇ، ئۆيدىكى باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەم گېرمانىيىلىك تەتتىقاتچىلار ئېلېكترون تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بىرخىل گىلەمنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۇنداق گىلەمگە سىنزور ئورۇنلاشتۇرغان. تەتقىقاتچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بەزى بۆلەكلەرنى ئۆزەك پلاستىنكىغا توپلىغان، بۇ ئۆزەك پلاستىنكىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى تەخمىنەن يەتتە كۋادرات مىللىمېتىر بولۇپ، گىلەمنىڭ ئەستىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنداق گىلەم ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئۆي ئىچى تېمېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش، ئۆي ئىچىدىكى ئېلېكتر سىستېمىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىكەن.ئۆزىنى ئۆزى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە گىلەمياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار ئاكرىلىك تالاسىغا تىتان ئوكسىدنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل يېڭى تىپتىكى تالانى كەشىپ قىلغان، بۇنداق تالادىن توقۇلغان گىلەم ئۆزىنى ئۆزى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. ئاكرىلىك تالاسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە دىئامېتىرى بىرقانچە ئون نامومېتىر كېلىدىغان زور مىقداردىكى تۆشۈكچىلەر بار بولۇپ، ئۇ غەلىتە پۇراق، باكتېرىيە، بۇلغانما قاتارلىقلارنى فىزىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈۋالالايدىكەن. نۇر چۈشكەن ئەھۋالدا گىلەم تالاسىغا ئارىلاشتۇرۇلغان تىتان ئوكسىد مىكرو زەررىچىلىرى بۇ ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلىيالايدىكەن. شۇڭا بۇنداق گىلەم كۈن نۇرىغا سېلىنسىلا ئۆزلۈكىدىن پاكىز بولۇپ كېتىدىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !